پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • چىرايلىق ئاياللار
  • ئاياللار بىر قېتىم تۇغسا...
  • ئاياللار نېمە ئۈچۈن ھېسسىياتچان كېلىدۇ ؟
  • بالىلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى ئوينىشى
  • خانىم قىزلار سەمىگە: ئاياللار ئۆزگەرتمىسە بولمايدىغان ...
  • قانداق ئاياللار ئۈزۈك سالدۇرسا بولمايدۇ ؟
  • ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى
  • مۇئاشىغىلا تايىنىۋالماي قوشۇمچە پۇل تىپىشنى ئويلايدى ...
  • يۈز تېرىسىنى قانداق ئاسراش كېرەك
  • بالىسى بار ئاياللار
  • بالىڭىز بىلەن جىنسىيەت توغرىسىدا قانچە بۇرۇن سۆزلەشسى ...
  • سېمىز ئاياللار پەس پاشنىلىق ئاياغ كىيمەسلىكى كېرەك
  • بالام ساغلام بولسۇن دېسىڭىز تۆۋەندىكى 20 نۇقتىغا دىققە ...
  • بالىلارنىڭ مېڭىسىگە زىيانلىق يېمەكلىكلەر ...
  • ئاغرىتىپ ھەيز كېلىشنىڭ داۋاسى
  • قورساق قىسمى يوغىناپ كېتىش ئاياللارنى دىئابىت قىلىپ ق ...
  • ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ساغلاملىق كۆرسەتمىلىرى
  • چىراي گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 10ناچار ئادەت
  • ھامىلدارلىق مەزگىلىدە«B»چاۋدا تەكشۈرتۈش
  • چىراي گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 10ناچار ئادەت
  • ساغلام پەرزەنت كۆرۈشنىڭ قىسمەن شەرتلىرى
  • بالا تەربىيىسىدە مۇنۇ ئىشلار سەمىڭىزدە بولسۇن
  • ھۆسن تۈزەشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان بەش خىل مەخپىيەت
  • بالىلار تاماقنى ئاز يىسە قانداق قىلىش كىرەك ؟
  • تۇغۇت ۋاقتىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى
  • بالىلار دائىم سۈت ئىچسە،ئاسان قان ئازلىق كېسىلىگە گىر ...
  • بالىڭىزنى ئۇرۇشتىمۇ « ئىلمىي » بولۇڭ
  • بوۋاقلار زۇكام بولغاندا ئۆيدە داۋالاش پىرىنسىپلىرى
  • ھامىلىدار ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار
  • بىر ئايغا توشمىغان بوۋاقلارنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈش مۇۋاپىق ...
  •  
    داس بوشلىغى ياللۇغى
    يوللىغان ۋاقىت:2010-07-06 ئاۋاتلىقى:2219
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

    تۇشۇش نەيچىسى ۋە ئۇىڭ ئەتىراپىدىكى قوشۇمچە توقۇلمىلار،داس بوشلىغى قورساق پەردىلىرى ياللۇغلىرى ئۇمۇملاشتۇرلۇپ داس بوشلىغى ياللۇغى دەپ ئاتىلدۇ.
                          داس بوشلۇغى ياللۇغىنى ئۆتكۇر خاراكتىرلىك داس بوشلۇغى ياللۇغى ۋە سوزۇلما خاراكتىرلىك داس بوشلۇغى ياللۇغى دەپ ئىككى تۇرگە بولىندۇ.

                          ئۆتكۇر خاراكتىرلىك داس بوشلۇغى ياللۇغى
                          سەۋەبى:
                          تۇغۇتتىن ،بويىدىن ئاجرىغاندىن كىيىن ھىيىز مەزگىلدە يۇقۇملىنىشتىن بولىدۇ.
                          بالياتقۇ بوشلۇغىدىكى ئوپراتسيە  مەشغۇلاتى كەلتۇرۇپ چىقارغان ياللۇغلىنىش .
                          ھىيىز دەۋىردىكى تازىلىقنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن بولىدۇ.
                          بولۇپمۇ ھىيىز  مەزگىلىدە تازىلىقى ياخشى بولمىغان قەغەز ئىشلىتىش،ھىيىز مەزگىلىدە جىنسى مۇناسىۋەتتە بولۇش قاتارلىقلار ياللۇغلىنىشنى كەلترۇپ چىقىرىدۇ.
                          باشقا ئەزالاردىكى يۇقۇملىنىشنىڭ بىۋاستە يامىرشى يەنى ئۆتكۇر سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى،قورساق پەدە ياللۇغى قاتارلىقلاردىن كىلىپ چىقىدۇ.
                          يۇقۇملىنىش خاراكتىرلىك تارقىلىشچان كىسەللىك،جىنسى مۇناسىۋەت تازىلىقىغا دىققەت قىلماسلىق،بالدۇر جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش،كۆپ جىما قىلىش،جىنسى مۇناسۋەت ھەددىدىن كۆپ زىيادە بولغۇچىلاردا،جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۇزگۇچنىڭ كىسەللىك ئانتىگىنى تاجاۋۇز قىلىپ يۇقارقى كىسەللىكنى چىقارغان .
                          قان ۋە سەپرا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىشىدىن بولىدۇ.
                          سوزۇلما خاراكتىرلىك داس بوشلۇغى ياللۇغىنڭ قوزغۇلۇش سەۋەبىدىن بولىدۇ.
                          بالياتقۇ تۇغۇت چەكلەش  ئۈزۈكى سالدۇرغاندىن بولىدۇ.

                          كىلىنىك ئىپادىسى :
                          دەسلەپتە قىزىتما،قورساقنىڭ ئاستى ئاغىرىش قوشلۇپ كىلىدۇ،ئىغىر بولغاندا يۇقۇرى قىزىتما،توڭۇپ تىترەش،يۇرەك سوقۇشى تىزلىشىش،باش ئاغىرىش بولىدۇ.قورساق پەردىسىدە ياللۇغ بولسا قۇسۇش،قورساق كۆپۇش،داس بوشلۇغى يىرىڭلىق ئىششىغى بالياتقۇ كەينىدە بولسا ئىچى سۇرۇش،قۇرۇق ئىنجىق ،تۇز ئۈچەي غىدىقلىنىش ئالامەتلىرى بولىدۇ ھىيز مەزگىلىدە كىسەللىك قوزغالغاندا  ھىيىز مىقدارى كۆپيىش دەۋرىى ئۇزىراش بولىدۇ،ھىيىز كەلمىگەن ۋاقىتتا بولسا ئاقق خۇن كۆپ كېلىدۇ.
                          خالتىلىق ئىششىق دوۋساققا تەسر كۆرسەتكەندە سىيىش قىينلىشىش،سۇيدۇك قىتىمى كۆپيىش بولۇپ دوۋساق ياللۇغىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ سۇيدۇك ئاغىرىتپ كىلىدۇ.
                          بالياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغىدا كىسەل قوزغاتقۇچى جاراسىملار ئوخشاش بولمىغاچقا ئالامەتلىرنىڭ ئىغىر يىنىكلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتىريەسىدە يۇقۇملانغاندا ئالامەتلىرىمۇ يەڭگىل بولىدۇ بەدەن تىمپۇراتۇرىسى38ئەتراپىدا بولىدۇ.كوپىنچە48سائەت ئىچىدە يۇقۇرى قىزىتما كۆرۈلىدۇ.قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى سەل-پەل ئاغىرىيىدۇ،چىللە خۇنى كۆپىنچە دۇغلۇق ۋە سىسىق پۇرايدۇ.بالياتقۇنىڭ ئەسلىگە كىلىشى ياخشى بولمايدۇ،قان ئىرىتكۇچى زەنجىرسىمان شارچە باكتىريەسىدىن يۇقۇملانغاندا ئالامەتلىرىمۇ ئىغىر بولىدۇ.ياللۇغ بلاياتقۇنىڭ مۇسكۇل قەۋىتىگىچە بارىدۇ.كىسەل ئۇشتۇمتۇت توڭلاپ قاتتىق قىززىپ بەدەن ھارارىتى40~39بولۇپ قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى ئاغىرىيدۇ،بالياتقۇنى باسقاندا ئاغىرىش ئىىنق بىلىنىدۇ،چىللە خۇنى ئانچە كۆپ بولمايدۇ،پۇرىغىمۇ بولمايدۇ.
                          داس بوشلۇغى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلار ياللۇغلانغاندا بىماردا قىزىتما توڭۇپ تىترەش بولۇپ بەدەن تىمپۇتۇرسى37.5 ~39بولىدۇ.تاكى قورساق قىسمىنىڭ بىر تەرىپى ياكى ئىككىلاتەرىپى ئاغىرىيدۇ.
                                                داس بوشلغىنى تەكشۇرگەندە:جىنسى يول قىزارغان كوپ مىقداردا يىىرڭلىق ئاجرالما ماددىلار بولىدۇ يىرىڭلىق ئاجىرالما ماددىلار بالياتقۇ بوينىدىن قاراپ ئىقىپ بالابوينى شىللىق پەردىسى ياللۇغى ياكى بالاياتقۇ بوينىنڭ ئۆتكإر يۇقۇملىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

                          ئالدىنى ئىلىىش:
                          ⑴تۇغۇت بويىدىن ئاجىراش،ھىيز مەزگللىرىدىكى تازىلىققادىققەت قىلىش.
                          ⑵تۇغۇت ۋە ئاياللار بۇلۇم،ئوپىراتسىيەخانىدىكى دىزىمفكسىيەگەدىققەت قىلىپ  ئوپىراتسىيە ۋاختىدىكى مىكىروپسىز مەشغۇلات ئىلىپ بىرىش بۇلۇپمۇ سۇنئى ئۇسۇلدا ھامىلدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرغاندا بالىياتقۇ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ھالقىسى سالدۇرغاندا،بالىياتقۇ ئچى قىرىپ تازىلىغاندا قاتارلىقلاردا ئوپىراتسىيەدىن كىيىنكى پەرۋىشنى ياخشى قىلىپ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىىنى ئىلىش لازىم.
                          ⑶جىددى خاراكتىرلىك داس بوشلىغىنى داۋالىغاندا ۋاختىدا داۋالاش تەلتۇكۇس ساقايتىش،ئاستا خاراكتىرلىك داس بوشلىقىغا ئوزگىرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش لازىم.
                          ⑷جىنسى تۇرمۇشتىكى تازىلىققا دىققەت قىلىش،جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقۇدىغان كىسەللەرنى ئازايتىش،ھىىيز كەلگەن ۋاقىتتا جىنسى مۇناسىۋەت قىلماسلىق لازىم.

                          داۋالاش:
                          داۋالاشتا ئالدى بىلەن بىمارنى ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرغۇزۇش، ياللۇغلىنىشنى چەكلەش ئۇچۇن بىمارنى يىرىم ياتقۇزۇش ھالىتىدە ياتقۇزۇش ئاياللار بۇلۇمىدىكى ھاجەتسىز تەكشۇرۇشلەردىن ئامال بار ساقلىنىش ئۇزۇقلۇقنى كۇچەيتىپ بىمارنىڭ تەبىئەت كۇچىنى ئاشۇرۇش لازىم شۇنىڭدەك يۇقۇملىنىشقا قارشى ھەمدە قاننىڭ،سەپىرانىڭ ئوتكۇرلىكىنى پەسەيتىكۇچى قان تازىلىغۇچى دورىلار ئشلىتىلىدۇ

     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ