كىرپىك لاكى كىرپىك لاكى كۆزنى قىچىشتۇرۇپ قىزارتىپ ، يورۇقلۇقتىن قورقىدىغان ، ياش ئاقىدىغان قىلىپ قويىدۇ . شۇڭا، كىرپىك لاكىنى تاللىغاندا سۈپىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش ، كۆزگە كىرىپ كېتىشىتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك . كىرپىك لاكىنى ئىشلەتكەندە كۆز قىچىشسا ، سۇدا چايقاپ ، دورا تېمىتىش، ئەگەر كۆزگە زىيادە سېزىم پەيدا قىلسا دەرھال ئىشلىتىشنى توختىتىش لازىم. كىرپىك لاكىنىڭ ساختىسى كۆزنى قىچىشتۇرۇپ قىزارتىۋېتىدۇ ھەمدە تېرە ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. رەڭلىك سۈرمە كۆزگە كىرىپ كەتسە دەرھال تۇز سۈيى ياكى ياللۇغلىنىشقا قارشى كۆز دورىسى بىلەن يۇيۇپ چىقىرىۋېتىش كېرەك. ئەگەر تېرە ياللۇغى پەيدا بولسا رەڭلىك سۈرمە ئىشلىتىشنى توختىتىپ، كۆزنىڭ ئەتراپىنى پاكىز تازىلاپ، دورا سۈركەش؛ تېرىسى سەزگۈر كىشىلەر رەڭلىك سۈرمە ئىشلىتىشتىن بۇرۇن تېرىسىگە سىناپ بېقىپ ئاندىن ئىشلىتىشى لازىم .
ئۇپا ئۇپا تېرىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ ، تېگىشمە تېرە ياللۇغى ۋە دانىخورەك پەيدا قىلىدۇ. ياز پەسىلدە ئۇپىنى ئۇزاق مەزگىل قېلىن سۈركۈۋالماسلىق ، ئۇپا سۈركەشنىڭ ئالدى– كەينىدە يۈزنى پاكىز يۇيۇش لازىم. تېرىسى سەزگۈر كىشىلەر ئۇپا سۈركەشتىن بۇرۇن مەلۇم دائىرىدە سىناپ ئاندىن سۈركىسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ .
تىرناق لاكى تىرناق لاكى تىرناقنىڭ رەڭگى تەكشى بولماسلىق ، تۇتۇقلىشىش، نىپىزلەش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. تىرناق لاكىنىڭ تەركىبىدە ئېرىشچان خىمىيىلىك ماددا بار بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت ئىشلەتسە تىرناقنىڭ سىرتقى قىسمىدىكى قوغداش قەۋىتىنى زەخمىلەندۈرۈپ ، تىرناقنى نېپىز، چۈرۈك قىلىۋېتىدۇ . تىرناق لاكى بىلەن تىرناقنىڭ ئۈستىنى دائىم يېپىپ قويسا تىرناقنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىپ، ئەسلىدىكى پارقىراقلىقىنى يوقىتىدۇ . شۇڭا دائىم تىرناق لاكى سۈركەپ يۈرىدىغان ئاياللار ئايدا بىرەر ھەپتە تىرناق لاكى سۈركىمەي، تىرناقنى ئارام ئالدۇرۇشقا دىققەت قىلىش لازىم .