پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • چىرايلىق ئاياللار
  • ئاياللار بىر قېتىم تۇغسا...
  • ئاياللار نېمە ئۈچۈن ھېسسىياتچان كېلىدۇ ؟
  • بالىلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى ئوينىشى
  • خانىم قىزلار سەمىگە: ئاياللار ئۆزگەرتمىسە بولمايدىغان ...
  • قانداق ئاياللار ئۈزۈك سالدۇرسا بولمايدۇ ؟
  • ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى
  • مۇئاشىغىلا تايىنىۋالماي قوشۇمچە پۇل تىپىشنى ئويلايدى ...
  • يۈز تېرىسىنى قانداق ئاسراش كېرەك
  • بالىسى بار ئاياللار
  • بالىڭىز بىلەن جىنسىيەت توغرىسىدا قانچە بۇرۇن سۆزلەشسى ...
  • سېمىز ئاياللار پەس پاشنىلىق ئاياغ كىيمەسلىكى كېرەك
  • بالام ساغلام بولسۇن دېسىڭىز تۆۋەندىكى 20 نۇقتىغا دىققە ...
  • بالىلارنىڭ مېڭىسىگە زىيانلىق يېمەكلىكلەر ...
  • ئاغرىتىپ ھەيز كېلىشنىڭ داۋاسى
  • قورساق قىسمى يوغىناپ كېتىش ئاياللارنى دىئابىت قىلىپ ق ...
  • ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ساغلاملىق كۆرسەتمىلىرى
  • چىراي گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 10ناچار ئادەت
  • ھامىلدارلىق مەزگىلىدە«B»چاۋدا تەكشۈرتۈش
  • چىراي گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 10ناچار ئادەت
  • ساغلام پەرزەنت كۆرۈشنىڭ قىسمەن شەرتلىرى
  • بالا تەربىيىسىدە مۇنۇ ئىشلار سەمىڭىزدە بولسۇن
  • ھۆسن تۈزەشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان بەش خىل مەخپىيەت
  • بالىلار تاماقنى ئاز يىسە قانداق قىلىش كىرەك ؟
  • تۇغۇت ۋاقتىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى
  • بالىلار دائىم سۈت ئىچسە،ئاسان قان ئازلىق كېسىلىگە گىر ...
  • بالىڭىزنى ئۇرۇشتىمۇ « ئىلمىي » بولۇڭ
  • بوۋاقلار زۇكام بولغاندا ئۆيدە داۋالاش پىرىنسىپلىرى
  • ھامىلىدار ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار
  • بىر ئايغا توشمىغان بوۋاقلارنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈش مۇۋاپىق ...
  •  
    ئاياللارنىڭ ساپاسى مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ
    يوللىغان ۋاقىت:2010-06-23 ئاۋاتلىقى:1020
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

         ئانا بىز ئىنسانلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان ئىلاھىمىز ، ئۇنىڭ تەسىرى مەڭگۈلۈك ۋە ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ .
    ئائىلە ــــ  بىر ئادەمنىڭ ئەخلاق ــ پەزىلىتىنىڭ يارىتىلىشىدىكى تۇنجى ، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم مەكتەپ . دەل ئاشۇ ئائىلىدە ھەر بىر ئادەم ئەڭ ياخشى ياكى ئەڭ يامان ئەخلاقىي چېنىقىشقا ئۇچرايدۇ .
    ئائىلىدە ئاساسلىقى بىر ئادەمنىڭ قەلبى ئېچىلىشقا ، ئادەتلىرى پەيدا بولۇشقا ، ئەقلى ئويغىنىشقا ، ئېسىل ياكى قەبىھ ئەخلاق ــ پەزىلىتى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشكە باشلايدۇ .
    مىللەتنىڭ گۈللىنىشى يەسلىدىن باشلىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، بالىلارنى تەربىيلەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھۆكۈمەتنى باشقۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىنمۇ چوڭقۇر بولىدۇ .
    شەخىسنىڭ ھاياتىدا ئائىلىسىدىكى ياخشى باشلىنىش ۋە تەقدىم قىلىش روھى بولمايدىغان بولسا ، ئۇنىڭ ئەخلاقى پەقەت ساختا نىقابقا ئورالغان ئەخلاق ــ پەزىلەتتىنلا ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ .
    ئۆز پەرزەنتىگە مېھرى بولمىغان كىشىنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان ھەقىقىي مېھىر - مۇھەببەتنى ئىپادىلىيەلىشى مۇمكىن ئەمەس .
    ئائىلە مەدەنىيلىككە ئەڭ تەسىر قىلىدىغان مەكتەپ . چۈنكى ، مەدەنىيلىكنىڭ ئۆزى ئاخىرقى ھېسابتا شەخس مەشىق قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدۇ . جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ ياش ــ ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە ئالغان ياخشى ياكى يامان تەربىيىسى جەمئىيەتنىڭ پۈتكۈل مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ .
    مىلتوب : « سەھەر شۇ كۈندىن ئالدىن بىشارەت بەرگەندەك ، بالىلىق دەۋر بىر ئۆمۈردىن ئالدىن بىشارەت بېرەلەيدۇ » دېگەنىدى .
    قەدىمكى يۇناننىڭ مۇنداق ئەقلىيە سۆزى بار : « ئەگەر بالىڭىزنى قۇلغا  تەربىيلەتكۈزسىڭىز ، ئۇنداقتا سىز بىر قۇلغا ئەمەس ، ئىككى قۇلغا ئېرىشىسىز . »
    گېئورگې خېربېرت : « بىر ياخشى ئانا يۈز نەپەر مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنى بېسىپ چۈشىدۇ » دېگەنىدى .
    ئانا بىز ئىنسانلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان ئىلاھىمىز ، ئۇنىڭ تەسىرى مەڭگۈلۈك ۋە ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ .
    تۇرسى : « مەيلى سىز قانچە ئۇزق ياشاڭ ، تۇنجى يىگىرمە يىل سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ تەڭ يېرىمى بولىدۇ » دېگەنىدى .
    فرانسىيەنىڭ : « ئاياللار بولمىسا ، ئەرلەر مەڭگۈ ئىش كۆرمىگەن كىچىك بالا بولۇپ قېلىۋېرىدۇ » دېگەن ماقالى بار .
    بىر ئائىلىدە ئەگەر ئانىنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى دۇرۇس بولمىسا ، ئاتىنىڭ سۆز ــ ھەرىكىتى ھەر قانچە مەدەنىي بولسىمۇ ، بالىنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا ياراملىق ئادەم بولالىشى تولىمۇ قىيىن .
     ئاياللار ئىنسانىيەتنىڭ ئېسىل ئەخلاق ــ پەزىلىتىنى يارىتىدۇ . بۇ ئىش ئۇلارنىڭ دۇنياغا مەشھۇر رەسىملەرنى سىزىشى ، ئۆلمەس مەشھۇر ئەدەبىي ئەسەر ۋە درامىلارنى يېزىشىغا قارىغاندا تېخىمۇ يارقىن بولىدۇ .
    ئايال كىشى ئاقىلانە تەربىيە ئالغاندىن كېيىن ، ئارتۇقچە گۆدەكلىك قىلمايدىغان ۋە يەڭگىللىك بىلەن قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمەيدىغان بولۇپ ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ئۈنۈملۈك ساقلىنالايدىغان بولىدۇ . ئەخلاق ۋە دىننىڭ تەربىيىسىگە  ئېرىشكەندىن كېيىن ، ئۇ ۋۇجۇدىدىكى سەزگۈ ئەزالارنىڭ ئېزىقتۇرىشىغا ئۇچرىمايلا قالماي ، ھەرخىل تەسىرلەرنى توسىيالايدىغان تېخىمۇ زور كۈچ ۋە ئىرادىگە ئىگە بولىدۇ .
    ئەگەر بىر مىللەتنىڭ ئەخلاقى ئەھۋالى ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ ئائىلىدە ئالغان تەربىيىسىگە باغلىق بولسا ، ئۇنداقتا ئاياللارنىڭ تەربىيلىنىش مەسىلىسىى مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە دەپ قارىلىشى كېرەك .
    ئەرلەرنىڭ ئەخلاق ــ پەزىلىيىتى ۋە مەنىۋى كۈچى پەقەت ئاياللارنىڭ ئەخلاقىي پاكلىقى ۋە زېھنىي تەربىيلىنىشى ئىچىدىلا ئەڭ ئىشەنچلىك كاپالەت ۋە مەدەتكە ئېرىشەلەيدۇ .

     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ