بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
نېمىشقا ئىش ئۇقىدىغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى بەختلىك بولالمايدۇ؟
-
نېمىشقا ئىش ئۇقىدىغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى بەختلىك بولالمايدۇ؟
ۋاقتى: 2016-07-29 ئاۋاتلىقى: 2799 قېتىميانفوندا كۆرۈش
نېمىشقا ئىش ئۇقىدىغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى بەختلىك بولالمايدۇ؟
مۇھەببەت دۇنياسىدا ئاياللار ۋە ئەرلەرنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى، پىسخىكىسى ئوخشاش بولمايدۇ. ئاياللارنىڭ ئىچكى دۇنياسى نازۇك كېلىدۇ، ئەرلەر بولسا مەڭگۈ بىر تۈز تاياقتۇر.
بىر ئايال بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئازار يىگەندىن كېيىن ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ بەكرەك قەدىرلەڭ، سۆيۈڭ!
ئەي ئايال، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىسىڭىز، ئەرلەرنى ئىزدەپ دەرد تۆكمەڭ، ئەگەر ئۇ سىزنى چۈشەنسە، ئۆزى كىلىپ تەسەللىي بېرىدۇ. ئەي ئايال ئەگەر قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز، ئەرلەرنى ئىزدەپ ياردەم سورىماڭ، ئامالنىڭ بارىچە ئۆزىڭىز ھەل قىلىڭ، ئەگەر ئۇنىڭ كۆڭلىدە سىز بولسىڭىز، سىزنىڭ ئېغىز ئىچىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ ئەنە تۇرۇپتۇ، ئۇنىڭدا نىيەتلا بولىدىكەن، ھەر ۋاقىت ياردەم قىلىدۇ.
ئەي ئايال مەيلى نېمە كەم بولسۇن ئەرلەرنى ئىزدىمىگىن، ئۆزۈڭ ئالالايدىغانلىرىنى ئامال بار ئۆزۈڭ ئالغىن، ئۆزۈڭ ئالالمىساڭ پۇل يىغىپ ئاندىن ئالغىن. ئەگەر ئۇنىڭ راستتىنلا ئېلىپ بىرىش نىيىتى بولسا ئەستايىدىللىق بىلەن نېمە كەملىكىگە قارايدۇ، ئاندىن سېتىۋېلىپ ساڭا بېرىدۇ، سەندىن سوراپ ئولتۇرمايدۇ.
ئەي ئايال ئەگەر چارچىساڭ، ئەرلەرنى ئىزدىمىگىن، كۈچۈڭنىڭ بارىچە ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ قۇچاقلىغىن، ئاندىن ئۆزۈڭگە:" مەن ناھايىتى ياخشى" دېگىن............
ئەي ئايال، كۆڭلۈڭ يېرىم بولسا ئەرلەرنى ئىزدىمىگىن، ئەگەر ئۇ ساڭا كۆيۈنسە، سېنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ئەتراپىڭدا پەرۋانە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا كۆز يېشىڭنى ئاققۇزۇشۇڭغا قانداقمۇ يۈرىكى چىدىسۇن؟
ئەي ئايال ئۆزۈڭگە سالماقلىق ۋە كەڭ قورساق بول، نازاكىتىڭ بىلەن تۇرمۇشقا يۈزلەن، باشقىلارغا سالاپىتىڭ ۋە سىپايىلىكىڭ بىلەن مۇئامىلە قىل. شۇنداق، ئاستا-ئاستا ھەممىنى چۈشىنىسەن، بىلىسەن، چۈشەنگەنلىكىڭ، بىلگەنلىكىڭ ئۈچۈن شۇنچە يۇۋاش بولۇپ كېتىسەن........
ئەي ئايال، ھەرۋاقىت قولۇڭنى كۆكسۈڭگە قويۇپ باققىن، يۈرۈكۈڭ يالقۇنجاپ يېنىۋاتامدۇ؟ بۇ ئۆمرۈڭدە يۈز كىلەلمەيدىغان بىرلا نەرسە شۇ يۈرىكىڭمىكەن؟ ئۇ ئاغرىتىسەن، يەنە ئاغرىتىسەن..............
ئەي ئايال، ئۆزۈڭنى ياخشى قەدىرلە، ياخشى سۆي، ئۆزۈڭگە ئىچ ئاغرىتقىن، ئۆزۈڭدىن مىننەتدار بولغىن ۋە ھۇزۇر ئالغىن، ئۆزۈڭگە تەسەللىي بەرگىن، سەن يالغۇز بولساڭمۇ ھېچقىسى يوق، ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، چوقۇم ياخشى بولىدۇ.
مەنبە: ئەلى مۇئەللىم سالونى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
قىزچاق 2.14 كېچىسى سىزنىڭ توي كېچىڭىز ئەمەس! دىق
2016-02-08 14:19:306391ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئالت
2015-08-10 00:46:396490ئاق خۇن غەيرىلىكىنىڭ يەتتە تۈرلۈك ئالامىتى
2016-01-06 16:30:181796ئاياللار ئەڭ كۆپ دەيدىغان 15 يالغان سۆز
2015-12-08 13:20:022209خانزادىلەر گۆھىرى دېگەن نېمە؟ قانداق ئالاھىدىلىك
2015-12-11 21:18:414465ئەرلەر توي قىلغاندىن كېيىنكى يەتتە يىل ئىچىدە قا
2015-12-03 14:27:052424ئەقىللىق ئاياللار «دۆت» بولۇۋىلىپ، ئەرلەرنى كۆڭل
2016-02-01 19:57:482905قىزلار نېمىشقا بالدۇر يېتىلىپ قالىدۇ؟
2016-01-26 19:55:433059
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-