رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1109 قېتىم كۈرۈلدى
گىلاردىنو ئامېرىكا چوڭ بىرلەشمىسىگە قوشۇلۇشى مۇمكىن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-11 -27
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : sports.163.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

ۋاڭيى تەنتەربىيىسى 27-نويابىر خەۋىرى:
ئامېرىكا چوڭ بىرلەشمىسى مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىن نۇرغۇنلىغان توپچىلارنى قوشۇۋالدى، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گىنويە كوماندىسىدىكى گىلاردىنو كېلەر يىلى يازدا ئامېرىكا چوڭ بىرلەشمىسىدىكى تورونتو كۇلۇبىغا قوشۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.
10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ گىلاردىنونىڭ ۋاكالەتچىسى ئامېرىكا چوڭ بىرلەشمىسىدىكى نۇرغۇن كۇلۇبلار بىلەن مۇشۇ توغرۇلۇق مۇنازىرىلەشكەن بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا تورونتو كۇلۇبى بىلەن بىرلىككە كەلگەن ئىكەن. تورونتو كوماندىسى گىلاردىنو ئۈچۈن 3 يىللىق توختام ھازىرلىغان بولۇپ، باجدىن كېيىنكى يىللىق مۇئاشى 4مىليون ياۋرو بولىدىكەن.
ئىلگىرى ۋېرونا، پارما، مىلان، فىلورېنتىنا، بولوگنا ۋە گىنويە كوماندىلىرىدا توپ تەپكەن 32 ياشلىق گىلاردىنو ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتەن رەت قىلغىلى بولمايدىغان بىر توختام، ئىتالىيە بىرلەشمىسى تەۋەسىدىمۇ بۇ مەيلى توختام يىلى جەھەتتىن ياكى يىللىق مۇئاش سوممىسى جەھەتتىن بولسۇن چوڭ توختام ھېسابلىنىدۇ.
ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گىلاردىنو گەرچە تورونتو كۇلۇبىنىڭ توختامىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ لېكىن بۇ قىشلىق سودىلىشىش پەسلىدە گىنويە كوماندىسىدىن ئايرىلمايدۇ، بەلكى بۇ پەسىللىك مۇسابىقىلەر ئاخىرلىشىپ كېلەر يىللىق يازلىق سودىلىشىش پەسىلىدە ئاندىن ئامېرىكا چوڭ بىرلەشمىسىگە بېرىپ توپ تېپىدۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى ئىتالىيىگە ۋاكالىتەن كېلەر يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش، چۈنكى پەقەت ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولغاندا ئاندىن ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ چوڭ تىزىملىكىگە كىرەلىشى مۇمكىن، ئەكىسچە مۇشۇ قىشتىلا تورونتو كوماندىسىغا قوشۇلسا ئۇنىڭ تىزىملىككە كىرىشىدىن قىلچە ئۈمۈد قالمايدۇ.
 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203