رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 15690 قېتىم كۈرۈلدى
شەندۇڭدا قاتناش ساقچىلىرى «زورلۇق بىلەن» قانۇن ئىجرا قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-07 -08
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

يېقىندا توردا «دوڭيىڭ قاتناش ساقچى ئەترىتى زورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن قانۇن ئىجرا قىلدى، بۇنىڭ قارا جەمئىيەتتىن نېمە پەرقى ؟»ناملىق ۋىدىئو تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئىككى مىنۇت 43 سېكۇنتلۇق بۇ ۋىدىئودا قاتناش ساقچىلىرى بىر ئاق رەڭلىك پىكاپنىڭ ئەينىكىنى چېقىپ، ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىپ كىرىپ قانۇن ئىجرا قىلغان. قىسقىغىنا نەچچە كۈن ئىچىدە بۇ ۋىدىئو 400 مىڭ قېتىمغا يېقىن كۆرۈلگەن بولۇپ، تورداشلار قاتناش ساقچىلىرىنىڭ زورلۇق كۈچ ئىشلىتىپ قانۇن ئىجرا قىلغانلىقىدىن گۇمانلانغان. بۇنىڭغا قارىتا شەندۇڭ دوڭيىڭ قاتناش ساقچى ئەترىتى ئىنكاس قايتۇرۇپ:«ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش قىلمىشىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، بۇ ماشىنىنىڭ شوپۇرى ماشىنىدىن چۈشۈپ تەكشۈرۈشنى رەت قىلىپ، ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان، شۇنداقلا ئىككى قېتىم ساقچى ماشىنىسىنى سوقۇپ قېچىپ، خەتەرلىك ماشىنا ھەيدەش قىلمىشىنى سادىر قىلغان، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىپ، ماشىنا ئەينىكىنى چىقىپ شوپۇرنى تارتىپ چۈشۈرۈپ قانۇن ئىجرا قىلىشى يوللۇق بولغان »دېگەن.

ۋىدىئودا ئاق رەڭلىك پىكاپ مەجبۇرىي توختىتىلغان، بىر قاتناش ساقچىسى قولىدىكى قولچىراغ بىلەن ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى ئۇرغان بولسىمۇ، ئەينەك چىقىلمىغاچ، يەنە بىر ساقچى يەردىن بىر پارچە خىشنى ئېلىپ، ئايلىنىپ ماشىنىنىڭ يەنە بىر چېتىگە بېرىپ، شوپۇردىن ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىشىنى تەلەپ قىلغان، بۇ ۋاقىتتا پىكاپ ئوت ئالدۇرۇلغان، قاتناش ساقچىسى قولىدىكى خىش بىلەن ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى ئۇرغان، ئاق پىكاپ ئالدى كەينى يۆنىلىشنى تەڭشەۋاتقاندا، بىر قانچە قاتناش ساقچىسى ماشىنىنىڭ ئالدىدا تۇرىۋالغان، ئاق پىكاپ تىز سۈرئەتتە كەينىگە يېنىپ، كەينىدە يان تەرەپتىن توسۇۋالغان ساقچى ماشىنىسىنى سوقۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، كەينىگە 20 مېتىرچە يانغان، بۇ چاغدا بىر ساقچى ماشىنىسى بۇ ئاق پىكاپنى ئۇدۇل تەرەپتىن سوقۇپ، يول بويىغا قىستاپ توختاتقان، ئارقىدىنلا ساقچىلار كابىنكىنىڭ ئەينىكىنى چېقىپ، ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىپ كىرىپ، قانۇن ئىجرا قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا ۋەزىپە ئىجرا قىلغان قاتناش ساقچىسى تونۇشتۇرۇپ:«ماشىنا تەكشۈرۋاتقاندا بۇ پىكاپ بېشىنى بۇراپ قاچماقچى بولدى، ساقچىلار بۇ پىكاپنى مەجبۇرىي توختاتقاندىن كىيىنمۇ ماشىنىدىن چۈشكىلى ئۇنىماي ، تەكشۈرۈشنى رەت قىلدى، بۇ جەرياندا نەچچە قىتىم ماشىنىنى ئارقىسىغا ياندۇردى، نەق مەيداندىكى تەكشۈرۈش جەريانىدا بىز بۇ پىكاپنىڭ ئىگىسىنىڭ بىر ئايال ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق، بىراق پىكاپنى ھەيدىگىنى بولسا ئەر كىشى ئىكەن، شۇڭا بۇ پىكاپنى ئوغىرلانغان پىكاپ بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدۇق» دېدى.

قاتناش ساقچىلىرى ئون مىنۇتقا يىقىن نەسھەت قىلغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغان، ئەكسىچە پىكاپ قوزغىلىپ، توسۇۋالغان ساقچى ماشىنىسىنى سوقۇپ بىخەتەرلىك لىمى ۋە نۇر قايتۇرۇش ئەينىكىنى چۈشۈرۋەتكەن، ئەتراپتا تاماشا كۆرىۋاتقان بىگۇناھ ئاممىغا زىيان يەتكۈزۈپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ساقچى ماشىنىسى بۇ پىكاپنى ئالدى تەرەپتىن سوقۇپ مەجبۇرىي توختاتقان. ۋىدىئودا بۇ شوپۇر ساقچىلارغا ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى كەچتە دوستلىرى بىلەن ئولتۇرۇش قىلغانلىقىنى، بىر بوتۇلكىدىن ئازراق پىۋە ئىچكەنلىكىنى، ئۆيى يىقىن بولغاچ، تۇتۇلۇپ قالماسمەن دېگەن ئوي بىلەن ماشىنا ھەيدەپ ئۆيگە قايتىۋاتقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغانلىقىنى بايان قىلغان، ھەمدە :«ئەينى چاغدا بەك قورقۇپ كەتتىم، ساقچىغا تۇتۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ماشىنىنى ياندۇرۇپ قاچتىم ، قاتناش ساقچىلىرى ماڭا بەش-ئالتە مىنۇت نەسىھەت قىلىپ باققان بولسىمۇ، ئۈنۈمى بولمىغاچ ، ئاندىن ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى چاقتى، ھازىر بەك پۇشايمان قىلىۋاتىمەن، ئەينى چاغدا ماشىنىنى ئېلىپ قېچىشنى ئويلىغان، قاتناش ساقچىلىرى ماڭا خىزمەتكە ماسلىشىش توغرىلىق نەسىھەت قىلدى، ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ ئەينى چاغدىكى

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203