رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 730 قېتىم كۈرۈلدى
ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا قۇشلارنىڭ ئايروپىلانغا سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -09
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.wlmqwb.com

 

www.alhux.com 
 
 

2011-يىلى7-ئاينىڭ7-كۈنى سائەت 10 دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە،بىر بويىن757 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۈرۈمچىدىن نەنجىڭغا ئۇچمانقى بولۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرىدىرومىنىڭ 25-نومۇر يولىدا كۆتۈرۈلۈپ،ئايروپىلاننىڭ ئالدى چاقى يەردىن ئاجرىشى بىلەن تەڭ، شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقان كەپتەرلەر توپى بىلەن ئۆز-ئارا سوقۇلۇپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇچقۇچىلار ئايرىدىرومغا قايتىشنى تەلەپ قىلغان ۋە سائەت11 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە بىخەتەر ھالدا ئۈرۈمچى ئايرىدىرومىغا قايتىپ كەلگەن.
بۇ ئايروپىلان قايتىپ چۈشكەندىن كېيىنكى تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، رادار قېپى، ئوڭ تەرەپ ئالدى شامال توسۇغۇچ قاتارلىق قىسىملىرى بۇزۇلغان بولۇپ، چوقۇم ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدىكەن،شۇ كۈندىكى ئۇچۇش ۋەزىپىسىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، يولۇچىلارنىڭ باشقا ئايروپىلانغا ئالمىشىپ نەنجىڭغا بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
شىنجاڭ ئايرىدىرومى چەكلىك شىركىتى ئايرىدىرومى كاپالەتلەندۈرۈش قىسمىنىڭ مەسئۇلىنىڭ دېيىشىچە،ئايرىدىروم كاپالەتلەندۈرۈش قىسمى ۋەقە مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە 10 دانە كەپتەرنىڭ ئۆلۈكىنى بايقىغان.
چۈشەندۈرۈشكە قارىغاندا، بۇ بۇيىلقى ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىق قۇشلارنىڭ ئايروپىلانغا سوقۇۋىلىش ۋەقەسى ئىكەن.
نۆۋەتتە، بۇ ۋەقە ئىچكىرلىگەن ھالدا تەكشۈرىلىۋىتىپتۇ.

 

www.alhux.com 
 
 
www.alhux.com 
 
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش