رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 83656 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى ئاق سارايدا ئىفتار قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -11
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئوكيان

 

 
Www.AnAdiyar.Cn

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 11-ئاۋغۇست خەۋىرى: تەيۋەن «جۇڭگو رادىئو خەۋەرلىرى تورى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوباما شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاق سارايدا مۇسۇلمانلار ئىفتار قىلغاندا سۆز قىلغان. ئوباما بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مۇسۇلمانلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىغا قوشقان تۆھپىسىگە رەخمەت ئېيتقان.

ئوباما بۇ يىل 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 10 يىل بولغانلىقىنى، ئەينى يىلىدىكى تېرورلۇق ھۇجۇمى ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە قاتلاملاردىن كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىمۇ بارلىقىنى ئېيتقان.

ئوباما يەنە دۆلەت قىيىنچىلىقتا قالغاندا، مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ جان پىدالىق بىلەن دۆلەتنى قوغدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىچىدە نۇرغۇن مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان.

ئوباما پىرىزدېنت بولغاندىن كېيىن ئاق سارايدا ھەر يىلى رامزاندا مۇسۇلمانلار بىلەن ئىفتار قىلماقتا، سابىق بوش ھۆكۈمىتىمۇ شۇنداق قىلاتتى.

 

 

   ئوبامانىڭ ئاق سارايدىكى 2011-يىللىق ئىفتار نۇتىقىنى چۈشۈرىۋېلىڭ (MP3)

 

 
 
 
      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203