ياشىن تورىنىڭ 10-ئىيۇن خەۋىرى، توي قىلىش تەكلىپى رەت قىلىنغان ئەر خاتا يولدا مېڭىپ قالدى. 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، كورلا شەھىرى خوڭفېڭ بازىرىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا بىر قېتىملىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش دېلوسى يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر ئەر دېھقانچىلىق دورىسى ئىچىۋېلىپ نەق مەيداندا ئۆلۈپ قالغان.
6-ئاينىڭ 10-كۈنى،خوڭفېڭ بازىرىدا ساتىراشخانا ئاچىدىغان لى خوڭ ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا، ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىنلا دوكىنى ئاچقان. ئىشىكىنى ئېچىپلا جاۋ پىڭنىڭ چىرايلىرى تاتارغان ھالدا ئىشىك ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەن.
جاۋ پىڭ لى خوڭنىڭ بىر كونا خېرىدارى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىسىدا، لى خوڭنىڭ ساتىراچخانىسىغا كېلىپ چاچ ئالدۇرغاندا، پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ يۇرتداش ئىكەنلىكىنى بىلگەن، كېيىن لى خوڭنىڭ دائىملىق خېرىدارىغا ئايلانغان.
ۋاقتىنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولغان. بۇ يىل 3-ئايدا، جاۋ پىڭ يەنە بىر قېتىم لى خوڭنىڭ ساتىراچخانىسىغا كېلىپ، لى خوڭغا ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلغان، لېكىن لى خوڭ ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. جاۋ پىڭ بولسا بۇ نىيىتىنى يانماي، داۋاملىق ساتىراچخانىغا كېلىپ لى خوڭ بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغان. ھەر ئىككەيلەن بىر قېتىم نىكاھتا مەغلۇپ بولغان بولغاچقا، سۆزلىشىدىغان تېمىلىرىمۇ بىر يەردىن چىققاچقا، لى خوڭمۇ بىر مەزگىل ئارىلىشىپ بېقىشنى ئويلاپ قالغان.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، لى خوڭ جاۋپىڭنىڭ نۇرغۇن كەمچىللىكلىرىنى بايقاپ قالغان، مەسىلەن، دائىم ھاراق ئىچىپ كېلىپ ئۇنى ئۇرۇپ، لى خوڭنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن لى خوڭ ئايرىلىپ كېتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، لېكىن جاۋپىڭ قوشۇلمىغان ھەمدە داۋاملىق ھاراق ئىچىپ كېلىپ لى خوڭنىڭ ساتىراچخانىسىدا جېدەل تېرىغان، دائىم قول كۆتۈرۈپ لى خوڭنى ئۇرغان ھەتتا دۇكاننىڭ ئىشىك دېرىزىلىرىنى بۇزۇۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن لى خوڭ جاۋ پىڭدىن ئايرىلىپ كېتىشنى قارار قىلغان.
قوشنىسىنىڭ ئېيتىشىچە، جاۋ پىڭ دائىم لى خوڭنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشىدىكەن.
6-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە، جاۋ پىڭ لى خوڭغا « مەن ئۆلگەندىن كېيىن ماڭا ئاتاپ قەغەز كۆيدۈرۈپ قوي» دېگەن مەزمۇندا قىسقا ئۇچۇر يوللىغان، لى خوڭ بولسا جاۋ پىڭنى ئاچچىقىدا شۇنداق دەۋاتىدۇ، ھېچقىسى يوق دەپ ئويلىغان.
6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتىگەندە، جاۋ پىڭ يەنە بىر قېتىم لى خوڭنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن يەنە بىر قېتىم «مەن بىلەن توي قىلىشنى خالەمسەن؟»دەپ سورىغان، لى خوڭ ئۇنى رەت قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا دۇكاندا يەنە باشقا خېرىدارلارمۇ بولغاچقا، ئالدىراش چاچ ياساۋاتقان ئىكەن.
بىردەمدىن كېيىن، خېرىدار دۇكان ئىچىدە دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ پۇرىقىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغان، لى خوڭ دۇكان ئىچىدىكى ئۆيگە كىرىپ، جاۋ پىڭنىڭ كارىۋاتتا ياتقانلىقىنى، يېنىدا قۇرۇقلانغان دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ قۇتىسىنى كۆرگەن ھەمدە دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلىفۇن قىلغان. بىراق جىددىي قۇتقۇزۇش دوختۇرلىرى يىتىپ بارغاندا، جاۋ پىڭ ئاللىقاچان ھاياتدىن ئايرىلغان ئىكەن.
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى خەلق ساقچىلىرىنى ئەۋەتىپ نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە لى خوڭنىڭ جەسىتى ئېلىپ كەتكەن، لى خوڭ ۋە بىرقانچە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى خېرىدارلارنى ئەھۋال خاتىرىلەشكە ياردەملىشىش ئۈچۈن ئېلىپ كەتكەن.
ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، جاۋ پىڭنىڭ سچۈەندىكى ئائىلە تاۋاباتلىرى كېلىپ دېلو تەكشۈرۈشكە ماسلىشىۋېتىپتۇ
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776