نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 13116 قېتىم كۈرۈلدى
جۇڭگو تۇنجى قېتىم ئۇكرائىنادىن كۆممىقوناق كىرگۈزمەكچى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-11 -15
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : intl.ce.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئىگىلىنىشچە ، دۆلىتىمىز سۈپەت تەكشۈرۈش كارانتىن قىلىش ئورنى ئۇكرائىنا يېزا-ئىگىلىك سىياسىتى ۋە ئاشلىق مىنىستىرلىكى بىلەن يېقىندا تۈزگەن كېلىشىم مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا ، ئۇكرائىنا جۇڭگوغا تەمىنلەپ بېرىدىغان كۆممىقوناق ئۆسۈملۈكىگە بولغان كارانتىن تەلىپىگە تەڭشەش كىرگۈزگەن بولۇپ ، شۇ سەۋەبلىك ئۇكرائىنانىڭ كۆممىقونىقى جۇڭگوغا ئېكىسپورت قىلىنالايدىغان بولغان . بۇ يىل چىقىشتىن بۇرۇن ئېلىمىز ئۇكرائىنادىن كىرگۈزۈلگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى كۆممىقۇناقنى قارشى ئالىدىكەن .

دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان 2013-يىللىق ئاشلىق پاختا ئىمپورت تاموژنا بېجى تەقسىمات سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا ، كېلەر يىلى ئېلىمىز ئىمپورت قىلىدىغان كۆممىقوناق تەقسىمات مىقدارى 7 مىليون 200 مىڭ توننىغا يېتىدىكەن . جۇڭگو -ئۇكرائىنا ئىككى تەرەپ توختام تۈزگەن بۇ پارچە ئۆسۈملۈك كارانتىن كېلىشىمىدە ئۇكرائىنانىڭ ھەر يىلى جۇڭگوغا 2 مىليون توننىدىن 2 مىليون 500 مىڭ توننىغىچە كۆممىقوناق ئېكىسپورت قىلىپ بېرىشىغا يول قويۇلغان ئىكەن .
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203