رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 84525 قېتىم كۈرۈلدى
بىر ئۆمۈر يالىڭاچ ياشىغان تەيۋەنلىك بوۋاي ۋاپات بولغاندىن كېيىن كىيىم كىيدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-06 -15
  • يوللىغۇچى : مۇرادىل
  • مەنبەسى :

جۇڭشىن تورى 6- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى: تەيۋەن «جۇڭگو ۋاقىت گېزىتى» خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەندىكى ئەڭ سەممىمىي، تەينەن شەھىرى ئەندىڭ رايونى «كىيىمسىز روڭ» دەپ ئاتالغان كىشى لى مۇروڭ يىلنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە يالىڭاچ يۈرىيدۇ. 6- ئاينىڭ 8- كۈنى، ئۇ سەكتە كېسىلى بىلەن ئاغرىپ 12- ئىيۇل 60 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئالتە يېشىدىن باشلاپ كىيىم كىيمەي يۈردى. جەسەت ساندۇقىغا كىرگەندە كىيگەن كىيىمى بولسا 54 يىلدىن بىرى تۇنجى قېتىم كىيىگەن كىيىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىراق ئۇنىڭدىن قالغان مىراس بولسا تەخمىنەن 60 مىليون يۈەن ئىكەن(ئەلۋەتتە ئۇ ھىچنەرسىسى يوق ئادەم ئەمەس).
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، لى مۇروڭ ئەندىڭ رايونىدا ئولتۇرىدىغان بولۇپ، ئەلۋەتتە بىر كىشى كوچىدا يالىڭاچ مېڭىپ يۈرسە كىشىلەر ئەجەپلىنىدۇ. بىراق ئۇ دائىم مەھەللىدىكى كىشىلەرنىڭ ئېغىر - يېنىك ئىشلىرىغا قارىشىپ بېرىدىغان بولغاچقا، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنى ياخشى كۆردىكەن.
لى مۇروڭنىڭ كىيىم كىيمەسلىكىنىڭ سەۋەبى بولسا ئۇ 5-6 ياش ئەتراپىدا قاتتىق ئاغرىپ قالىدۇ. كېسىلى ياخشى بولغاندىن كېيىن، كېيىم كىيسە خۇددى بەدىنىگە نەچچە مىڭ تال يىڭنە سانجىلغاندەك ئاغرىيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىيىم كىيمەي يۈرگەن. ئۆيدىكىلىرى ئۇنىڭغا كالتە ئىشتان كىيدۈرۈپ قويسا سېلىپ تاشلىۋەتكەن.ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا ئامال قىلالماي ئىختىيارىغا قويۇۋەتكەن. كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇمۇ كۆنۈپ قالغان. ئۇنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇمۇ بۇ كىيىم كەيمەسلىكتە ئادىتىنى ئۆزگەرتمىگەن. ئەتراپتىكى كىشىلەر ئۇنى «ئىشتانسىز روڭ» دەپ ئاتايدىكەن
 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203