رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 10635 قېتىم كۈرۈلدى
iWatch -- ئۇ ھەرگىزمۇ بىر ئاددىي قول سائىتى ئەمەس!
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-08 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

ئالما شىركىتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرى ياكى كىلەر يىلنىڭ باشلىرىغىچە مىش-مىش خەۋىرى تارقالغىلى ئۇزۇن بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى iWatch نى ئېلان قىلىدۇ. بىراق، iWatch ئەگەر نۆۋەتتە سېتىلىۋاتقان باشقا ماركىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائەتلىرى بىلەن ئىقتىدار جەھەتتە كۆپ پەرقلەنمىسە، ئۇ ھالدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئالما شىركىتىنى مەسخىرە قىلىشى تۇرغانلا گەپ!
بىراق، ئالما شىركىتىنىڭ بۇ يېڭى مەھسۇلاتى تېخى ئېلان قىلىنمىدى، دىمەك، ئالما شىركىتىنىڭ ئالدىدا ھىلىھەم «ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كىلەلەيدىغان، باشقىلار بىلەن پەرقلىنىدىغان ئۆزگىچە ئەقلىي قول سائىتى» نى ۋۇجۇتقا چىقىرىش پۇرسىتى بار!
Jackdaw Research ناملىق بازار تەكشۈرۈش شىركىتىنىڭ ئانالىزچىسى Jan Dawson يىقىندا يازغان تاقىۋىلىشقا بولىدىغان كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ئائىت بىر پارچە دوكلاتتا، ئالما شىركىتى ئوتتۇرىغا چىقارماقچى بولغان iWatch نىڭ يېڭى ۋە يۇقىرى مەنزىلگە يېتىشتىكى توغرا يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
ئۇنىڭدا دىيىلىشىچە، «ئويۇن قائىدىسى» نى ئۆزگەرتىشكە قابىل بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى نۆۋەتتە ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان ئۇچۇر قوبۇل قىلىش، يوللاش ۋە ھەرخىل ئەپلەرنى ئىجرا قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلاردىن باشقا، يەنە چوقۇم تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدە ئىقتىدارلارغىمۇ ئىگە بولۇشى كىرەك ئىكەن:
ئالدى بىلەن، ئالما شىركىتى iWatch نى بىر كۆچمە چىقىم قىلىش سۇپىسىغا ئايلاندۇرۇشنى ئويلىشىپ كۆرسە بولىدۇ. دوكلاتتا دىيىلىشىچە، ھازىر بازارغا سېلىنغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائەتلىرى تېخى بۇنداق ئىقتىدارنى ئۆزىدە ھازىرلىغىنى يوق، ئەگەر ئالما بۇنى ۋۇجۇتقا چىقارسا، ئۇنداقتا ئۇ باشقىلاردىن بىر قەدەم ئالدىدا ماڭغان بولىدۇ.
بۇندىن باشقا، ئالما شىركىتى يەنە iWatch گە سالاھىيەت ئېنىقلاش ئىقتىدارىنى قوشسىمۇ بولىدۇ، مەسىلەن، ئەزالىق كارتىسى ھەتتا دۆلەت تەرىپىدىن تارقىتىلغان كىملىك گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلار، جۈملىدىن، ئىنقىلاب خاراكتېرلىك مەھسۇلات دىيىلگەن ئىكەن، كىشىلەر iWatch نى تاقىۋالغاندىن كىيىن، ئىشقا بېرىش ۋە ئىشتىن چۈشكەنلەردە، ئىشخانىدىكى ئاپتوماتىك يوقلىما ئۈسكۈنىسىگە كارتا سۈرۈش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلۇشى كىرەك.
تاقىۋالغىلى بولىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە كۆچمە ئۈسكۈنە بولۇش سۈپىتى بىلەن، iWatch يەنە ئۆيدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنى يىراقتىن باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆزىدە ھازىرلىشى زۆرۈر، مەسىلەن، ئۆينىڭ ئىگىسى ھۇجرا ئۆيگە كىرمەكچى بولغاندا، ئۇ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئىشقا سېلىپ، ھۇجرا ئۆينىڭ چىرىغىنى يورۇتۇپ بېرەلىشى، ھاۋا تەڭشىگۈچ شۇنداقلا تېلېۋىزور قاتارلىقلارنى ئېچىپ بېرەلىشى كىرەك.
مۇنداق بىر مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ: «سىمسىز تورغا ئۇلانغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى بار دەيلى، سىز ئۇنى تاقاپ ھۇجرا ئۆيىڭىزگە كىرگەن چاغدا، ئۇ سىزگە ۋەكالىتەن ئۆينىڭ ئىچىدىكى تېمپىراتۇرا تەڭشىگۈچىنى قوزغىتىپ، ئاندىن تېلېۋىزورنى ئېچىپ سىز ياخشى كۆرىدىغان پىروگراممىلارنى قويۇپ بەرسە...» قىسقىسى، iWatch ئەگەر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا چوڭقۇر سېڭىپ كىرسە، ئۇنداقتا ئۇ باشقا ئاندىرويىد سىستېمىلىق ئەقلىي قول سائەتلىرىگە قارىغاندا مۇتلەق ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدۇ، بۇ چاغدا، كىيىنكىسى پەقەت ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ يانداش مەھسۇلاتى بولۇپ قالىدۇ.
ئەلۋەتتە، iWatch يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار بىلەن «پىكىر ئالماشتۇرۇش» ئېلىپ بارالايدۇ. ئۇندىن باشقا، يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ يەنە بىر قەۋەت بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىسىغا ئايلىنالايدۇ، مەسىلەن كۆك چىش ئاچقۇچى دىگەندەك.
iWatch يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ يىراقتىن كونتىروللىغۇچىسى بولالايدۇ، ئالما شىركىتى ھازىر ئايفونغا بىر قىسىم ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنى يىراقتىن باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى كىرگۈزۈپ بولدى، ئەلۋەتتە، بۇ ئىقتىدار تېخى مۇكەممەل بولغىنى يوق.
ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئالما شىركىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار يەنە ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنى يەنىمۇ يۈكسەك قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، iWatch نى تېخىمۇ ئۆزگىچە ۋە يىگانە ئىقتىدارلارنى ئىگە قىلالايدۇ، ئەگەر بۇلار ھەقىقەتەن ئەمەلگە ئاشسا، ئۇ چاغدا iWatch ھەقىقەتەنمۇ بىر نادىر مەھسۇلات بولۇپ چىقىدۇ!

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203