رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> پەن -مائارىپ >> يازما كۈرۈش >> 13929 قېتىم كۈرۈلدى
سۈنئىي بالياتقۇدا پەرزەنت يۈزى كۆرۈش 30 يىلدىن كېيىن ئومۇملىشىدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-08 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

نۆۋەتتە بىر نەپەر كېلەچەكشۇناسنىڭ قارىشىچە، كەلگۈسى 30 يىل ئىچىدە ئىنسان بەدىنى سىرتىدىكى سۈنئىي بالياتقۇ ئارقىلىق پەرزەنت يۈزى كۆرۈش رېئاللىققا ئايلىنىدىكەن. بۇ خىل تېخنىكا تەتقىقات تۈرىنىڭ نامى بولسا ‹ بەدەن سىرتىدا ھامىلە يېتىلدۈرۈش› بولۇپ، بۇ تېخنىكا تەتقىقات تۈرى 2001-يىلىدىن باشلاپلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەتقىق قىلىپ ئېچىپ چىقىلغانىكەن. ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبە نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ‹ بالا ھەمراھى ماشىنا ئادىمى› گە ئۇلاپ قويۇلغان بالياتقۇ ئارقىلىق چاشقاننىڭ ھامىلىسى پەرۋىش قىلىنىپ يېتىلدۈرۈلگەنىكەن. تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ قارىشىچە،‹ تەن سىرتىدا ھامىلە يېتىلدۈرۈش› تۈرىدە بەدەن سىرتىدىكى ھامىلىنىڭ يېتىلىش جەريانىنى كۆزىتىپ نازارەت قىلىش تېخىمۇ قولاي ھەم ئاسان بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىل تېخنىكا تۈرى ئارقىلىق ھامىلىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ھالدا تۆۋەنلەتلىكى بولىدىكەن، لېكىن تەنقىدشۇناسلار بۇ خىل تېخنىكا تۈرى ئارقىلىق پەرۋىش قىلىنىپ تۇغۇلغان ئىنسانلارغا قارىتا قايتىدىن ئىجتىمائىي رول ئورنىنى بەلگىلەشكە توغرا كېلىدىكەن. يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ئۇسۇلدا ھامىلە يېتىلدۈرۈش ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغان ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى تۇغقاندارچىلىق مېھرىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىدىغان ياكى يوقىتىۋىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تېخنىكا تۈرى ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقىي ئۇقۇملىرىغا ماس كەلمەيدىكەن. شۇڭلاشقا نۆۋەتتە بۇ خىل يېڭى تېخنىكا تۈرى دۇنيادا زور تالاش تارتىش قوزغىغان.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203