رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1108 قېتىم كۈرۈلدى
ۋېنگرىيە ئولىمپىك كومىتېتى تېررورچىلارنىڭ تەھدىت خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-01 -22
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.chinanews.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

جۇڭگو ئاخبارات تورى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېگراممىسى، تاشقى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ۋېنگرىيە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى زوسلىت. بوركەينىڭ 22-چېسلا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا دېيىشىچە، مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئولىمپىك كومىتېتى سوچى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن تېررورچىلاردىن كەلگەن بىر پارچە تەھدىت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان، ھەمدە ئۇنىڭ دېيىشىچە، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئولىمپىك كومىتېتى بۇنىڭغا ئوخشايدىغان تەھدىت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان.
بوركەينىڭ كۆرسىتىشىچە، ۋېنگرىيە تەرەپ بۇ مەسىلىگە بىر قەدەر كەسكىن پوزىتسىيە تۇتقان ھەمدە بۇ ئىشنى دۆلەتلىك ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن سوچى ئولىمپىك مۇسابىقىسى رۇسىيە تەرەپ كومىتېتىغا ئۇقتۇرۇش قىلغان، ھەمدە ئۇنىڭ تولۇقلاپ دېيىشىچە، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئولىمپىك كومىتېتلىرى بۇنىڭغا ئوخشايدىغان خەتەرلەرنى تاپشۇرۇۋالغان.
ۋېنگرىيە ئولىمپىك كومىتېتى كاتىپلا باشلىقى بېنىس. سىزابونىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا كۆرسىتىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغان، ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان خىزمەتلەر ئاللىقاچان تەكشۈرۈلۈشكە باشلاپتۇ.
«ياخشى بولمىغان مەسىلە بولسا بۇ ئۇچۇر بولسا ھەقىقىي» سىزابو شۇنداق دەپ كۆرسەتكەن. «ۋېنگرىيە ئولىمپىك كومىتېتى ئېلېكترونلۇق پوچتا ساندۇقى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىنگلىزچە ۋە رۇسچە خەتلەرنى تاپشۇرۇۋالغان، خەتتە سوچى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ۋېنگرىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە قارىتا تېررورلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئېيتىلغان».
چۈشەندۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، تاشقى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى نۆۋەتتە تېزدىن چارە قوللىنىپ ۋېنگرىيە ئولىمپىك كومىتېتى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203