رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 10400 قېتىم كۈرۈلدى
دىيۇملۇق ئالما iPhone6 يانفونى باتارىيىسىنىڭ رەسىملىرى ئاشكارىلاندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-08 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

ئۆتكەن ئايدا توردا ئالما iPhone6 يانفونىنىڭ 4.7 نۇسخىلىقىنىڭ باتارىيە رەسىملىرى ئاشكارىلانغان بولۇپ، توردا ئاشكارىلانغان بۇ رەسىملەردىن قارىغاندا، 4.7 دىيۇملۇق ئالما iPhone6 يانفونى باتارىيىسىنىڭ لايىھىلىنىشى ئالما شىركىتى ئايفون يانفونلىرى باتارىيىسىنىڭ لايىھىلىنىش ئۇسلۇبىغا ماس كېلەتتى، لېكىن بۇ رەسىملەردىن قارىغاندا، 4.7 دىيۇملۇق ئالما iPhone6 يانفونى باتارىيىسىنىڭ توك سەرپىيات مىقدارى ئارانلا 1810 مىللىئامپىر سائەت بولۇپ، ئالما iPhone5S يانفونى باتارىيىسىنىڭ 1560 مىللىئامپىر سائەتلىك توك سەرپىيات مىقدارىغا سېلىشتۇرغاندا سەللا يۇقىرى ئىدى. بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان 4.7 دىيۇملۇق ئالما iPhone6 يانفونى باتارىيىسىنىڭ توك سەرپىيات مىقدارىنىڭ بۇنچە تۆۋەن بولۇشى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان يانفون ئابونتلىرى ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئالما iPhone6 يانفونىنىڭ ئېكرانى چوڭايتىلغان بولغاچقا، ئۇنىڭ باتارىيىسىنىڭ توك سەرپىيات مىقدارىمۇ تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ دەپ قاراشقانىدى.
لېكىن ئۆتكەن ھەپتە، بىر نەپەر تەھلىلچىنىڭ دوكلاتىدا 4.7 دىيۇملۇق ئالما iPhone6 يانفونى باتارىيىسىگە توك سەرپىيات مىقدارى 2100 مىللىئامپىر سائەتلىك باتارىيىنىڭ سەپلىنىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان بولۇپ، بۇ خەۋەر كىشىلەرگە ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل ئىسپات چىقمىغانىدى.
لېكىن بۈگۈن چەتئەل ئاخبارات تورى-Nowhereelse.fr دا ئاشكارىلانغان رەسىملەر ئارقىلىق 4.7 دىيۇملۇق ئالما iPhone6 يانفونىغا توك سەرپىيات مىقدارى 1810 مىللىئامپىر سائەتلىك باتارىيە سەپلىنىلىدىغانلىقى دەلىللەنگەن بولۇپ، بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان باتارىيە رەسىملىرىدە ھەتتا ئالما شىركىتىنىڭ logo سىمۇ بار ئىدى. شۇڭلاشقا ھازىر 4.7 دىيۇملۇق ئالما iPhone6 يانفونى ئۈچۈن 2100 مىللىئامپىر سائەتلىك باتارىيە ئەمەس بەلكى توك سەرپىيات مىقدارى كىچىكرەك بولغان 1810 مىللىئامپىر سائەتلىك باتارىيە سەپلىنىلىدىغانلىقى ئاساسەن مۇقىملىشىپ بولغانىدى.





      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203