رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 10246 قېتىم كۈرۈلدى
يۈننەن يۇڭشەن ناھىيىسىدە 5.0 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-08 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

جۇڭگو يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش پونكىتى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 8-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر سائەت 6 دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە، يۈننەن ئۆلكىسى جاۋتۇڭ شەھىرى يۇڭشەن ناھىيىسىدە 5.0 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، يەر تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 7000 مېتىرغا يەتكەنىكەن. ئىگەللىنىلىشىچە، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە يۇڭشەن ناھىيە بازىرىدا ناھايىتى كۈچلۈك بولغان تەۋرىنىشنى ھېس قىلغىلى بولغان.
يۇڭشەن ناھىيە بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن چاغدا ناھىيە بازىرىدا ناھايىتى كۈچلۈك بولغان تەۋرىنىش سېزىلگەن بولۇپ، لېكىن تەۋرىنىش ۋاقتى ناھايىتى قىسقا بولغان، شۇنداقلا تەۋرىنىش جەريانىدا ئۆيلەردىكى ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنىڭ يەرگە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن
. بەزى كىشىلەرنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار دەرھال ئۆيلىرىدىن كوچىلارغا شۇنداقلا كەڭتاشا ئوچۇقچىلىق جايلارغا يۈگۈرۈپ چىقىۋالغان.
مۇخبىرنىڭ يۇڭشەن ناھىيىلىك تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئەھۋال ئىگەللىشىچە، نۆۋەتتە بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلمەكتە.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203