رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 1107 قېتىم كۈرۈلدى
خۇ جىنتاۋ بوكېۋا بىلەن كۆرۈشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -12
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى12-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ تۈنۈگۈن گۇاڭدۇڭنىڭ شېنجېن شەھىرىدە جۇڭگوغا زىيارەتكە شۇنداقلا 26-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىستۇدېنتلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى بوكېۋا بىلەن كۆرۈشتى.

خۇ جىنتاۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنيەت تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەڭ چوڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلات، ئەزالىرى كۆپ، تەسىرى كەڭ بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، پەن تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشتا نۇرغۇن ئىجابىي خىزمەتلەرنى قىلىپ، مۇھىم رول ئوينىدى.

بوكېۋا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەزكۇر تەشكىلات ئېلىپ بارغان ئومۇمىي خەلقنى تەربىيەلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىلەن ناھايىتى ياخشى ھەمكارلاشتى، مائارىپ، پەن ،مەدەنىيەت تەشكىلاتى بۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203