رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1108 قېتىم كۈرۈلدى
ھايتىدا خولېرا كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 5899 غا يەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -23
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : gb.cri.cn

 

www.alhux.com 
 
شىنخۇا تورىنىڭ 22-ئىيۇل خەۋىرى: ھايتى ئاممىۋى سەھىيە بۆلىمىنىڭ 22-ئىيۇلدىكى باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا خولېرا قوزغالغاندىن باشلاپ يۇقۇملىنىش ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن. مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، ھايتىدا خولېرا يۇقۇملانغان دەپ گۇمان قىلىنغان بىمارلارنىڭ سانى 38مىڭ 890 ئادەمگە يېتىپ، 5899 ئادەم مۇشۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.
كۆرسىتىلىشىەچ، ھايتى پايتەختى پورت-ئوپرىنسنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىدە خولېرا بىلەن ئۆلۈش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى 1363 گە يەتكەن. ئۇنىڭدىن قالسا ىولېرا كېسىلىنىڭ مەنبەسى ئارتىبونىت ئۆلكىسى بولۇپ، بۇ ئۆلكىدە خولېرا بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1130 ئادەمگە يەتكەن.
دومىنىكا سەھىيە بۆلىمىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، دومىنىكادا خولېرا دەپ گۇمان قىلىنغان ۋە مۇشۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈۋاتقانلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىۋاتقان بولۇپ، مۇشۇ ھەپتىدە 773 ئادەم خولېرا بىلەن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن دەپ دىئاگنوز قويۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 11 ئادەم قازا قىلغان. دومىنىكادا ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن باشلاپ 87 ئادەم خولېرا بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.
دومىنىكا بىلەن ھايتىدىكى لارىپ دېڭىزىنىڭ شىمالىدىكى خىسپانىئولا ئارىلىدا خولېرا بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئوخشاش ئىكەن.
 

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203