رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 10788 قېتىم كۈرۈلدى
5.5 دىيۇملۇق ئايفون يانفونىغا iPhone 6L دەپ نام بېرىلىدىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-08 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

تەيۋەن ئاخبارات تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان 5.5 دىيۇملۇق ئالما iPhone 6 يانفونىغا iPhone 6L دەپ نام قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇ ئىسىمدىكى L ھەرپى بولسا ئېنگىلىزچىدىكى Large يەنە يوغان دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقارقى تور بېكەت يەنە 5.5 دىيۇملۇق ئالما Phone 6 يانفونى باتارىيىسىنىڭ رەسمىنىمۇ ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇ يانفونغا توك سەرپىيات مىقدارى 2915 مىللىئامپىر سائەتلىك باتارىيە سەپلىنىلىدىكەن. ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يانفون باتارىيىسىنىڭ ئېلىكتىر بېسىمى 4.35 ۋات بولۇپ، رەسىمدە يەنە ئالما مەھسۇلاتىنىڭ دېتال نومۇرى-616-0675 دەپ كۆرسىتىلگەن. لېكىن بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان رەسىمدە ئالما مەھسۇلات تىپىنىڭ نومۇرى كۆرسىتىلمىگەن. نۆۋەتتە بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان بۇ باتارىيىلەرنىڭ راست-يالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدىغان بولۇپ، لېكىن رەسىمدىن قارىغاندا، بۇ باتارىيە ھەقىقەتەن ئالما iPhone يانفونىنىڭ باتارىيىسىگە ئوخشاش شۇنداقلا 5.5 دىيۇملۇق ئالما iPhone 6 يانفونىغا ماس كېلىدىغاندەك قىلاتتى.



5.5 دىيۇملۇق ئالما Phone 6 يانفونى باتارىيىسى ( 2915 مىللىئامپىر سائەت)



4.7 دىيۇملۇق ئالما Phone 6 يانفونى باتارىيىسى (1810 مىللىئامپىر سائەت)




5.5 دىيۇملۇق ئالما Phone 6 يانفونى




5.5 دىيۇملۇق ئالما Phone 6 يانفونىنىڭ ئىچكى سەپلەنمىسى


 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203