رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 10402 قېتىم كۈرۈلدى
كېنىيە 20-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئېبولا ۋىرۇسى رايونىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىشى چەكلىنىدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-08 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كېنىيە ھۆكۈمىتى شۇ يەر ۋاقتى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئېبولا ۋىرۇسى تارقالغان ئاپەت ئېغىر رايونلاردىن-گۋىنىيە، لىبىرىيە، سېررالىئون قاتارلىق جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ 18-ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن كېنىيىگە كېلىشىنى چەكلەشنى قارار قىلغان. كېنىيىنىڭ بۇ سىياسىتى ئېبولا ۋىرۇسىنى داۋالاشقا قاتنىشىدىغان دوختۇرلار شۇنداقلا يۇقارقى ئۈچ دۆلەتتىن قايتىپ كەلگەن كېنىيىلىك پۇقرالارنىڭ كېنىيە چېگرىسىدىن كىرىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن.
كېنىيىنىڭ سەھىيە مىنىستىرى-جامىس ماكارىيا ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى، كېنىيىنىڭ بۇ تەدبىرى يۇقارقى ئۈچ دۆلەتتىن ئۆتكەن باشقا چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ئۈچۈنمۇ ھەم كۈچكە ئىگە. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:‹ كېنىيە ھۆكۈمىتى نۆۋەتتىكى ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىدىكى مەنپەئەتنى نەزەردە تۇتقان ھالدا،يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان گۋىنىيە، لىبىرىيە، سېررالىئون قاتارلىق ئۈچ دۆلەتتىن ئۆتكەن ياكى مۇشۇ دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ كېنىيىگە كېلىشىنى ۋاقىتلىق چەكلىگەن›.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203