رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 14034 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكىلىق مېيىپ قىز بىر قولىدا ئېغىرلىق كۆتۈرۈپ رېكوردنى بۇزۇپ تاشلىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-08 -17
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : photo.huanqiu.com




 

يەرشارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 15-ئاۋغۇسىتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىدىكى كىرىستو ئىسىملىك قىز قاتناش ھادىسىسى سەۋەبلىك ئوڭ قولىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى رېكودىنى بۇزۇپ تاشلىغان، يەنى يۇقىرى كۈچلۈكلىك بىلەن چېنىقىش ئارقىلىق 210 قاداق ئېغىرلىقتىكى شتانكىنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرگەن. دەل شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك، ئۇ بۇ قېتىم يۈزبەرگەن قاتناش ۋەقەسى بىر ھېسابتا يۈز بەرگەن ئەڭ ياخشى ئىش بوپتۇ، دېگەن.
 




 

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، كىرىستو 2013-يىلى 8-ئايدا بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى سەۋەبلىك ئوڭ قولىدىن ئايرىلغان ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ 26 ياشلىق ئوغۇل دوستى دانىيېل كارتېر بىلەن ماشىنىدا بولۇپ، دانىيېل يارىلانمىغان، بىراق كىرىستو ئايروپىلان ئارقىلىق دوختۇرخانىغا جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئاپىرىلغان. كىرىستو قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن، چېنىقىش ئۆيىگە قايتقان. بىراق ھازىر، كىرىستو ھەتتا 210 قاداق ئېغىرلىقتىكى شتانكىنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرەلىگىدەك ھالەتكە يەتكەن، بۇ ئارقىلىق ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ياراتقان بارلىق كونا رېكودلىرىنى بۇزۇپ تاشلىغان.
 




 

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، قاتناش ھادىسىسىدىن كېيىن ماشىنا ھاۋادا موللاق ئېتىپ كەتكەن، يەرگە چۈشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوڭ قولى ئىزىلىپ كەتكەن. دانىيېلنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ قازادىن قۇتۇلۇپ قالغان، بىراق كىرىستو جىددىي ھالدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغاندىن كېيىن، قولىنىڭ كېسىشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەن. دەسلەپتە بىردەم ئىككىلىنىپ قالغان، بىراق كېيىن يەنىلا قوشۇلغان، ھەمدە ئەگەر مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھاياتىمنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدىغان ئىش بولسا بولدى، دېگەن. بىراق بۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسى ئەكسىچە ئۇنىڭ چېنقىش ئۆيىدىكى چېنىقىش كۈچلۈكلىكىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرغان. ئۇ قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن، چېنىقىش ئۆيىگە قايتقان، ھەمدە ھازىرقىدەك 210 قاداق ئېغىرلىقتىكى شتانكىنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرگىدەك ھالەتكە يەتكەن.
 





 

كىرىستو كۆپچىلىككە:«مەن ناھايىتى ھەيران قالدىم، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئىشىمنى بىر مۆجىزە دىيىشىدۇ. مېنىڭچە بۇ بىر رەھىمسىز ئىش، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مەن بىلەن ئالاقىلىشىدۇ، بەزىلەر تېخى ماڭا ئامراقلىقىنى ئېيتقان، بىراق مەن بولسا تېكساس شىتاتىدىن كەلگەن ئاددىيغىنە قىز ــــــــ بۇ ئەسلىدىنلا ئەقىلگە سىغمايدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ تېرىنېرى مۇنداق دېگەن: «ھەربىر كىشىلەر كىرىستونى ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتا قىيلىنىدۇ دەپ ئويلىشىدۇ، بىراق كىرىستو ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەڭ ياخشى ئىشنى باشتىن كەچۈرگەن».
 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      
كىيىنكىسى:كىيىنكىسى يوق

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203