رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 649 قېتىم كۈرۈلدى
باي ناھىيىسىدىكى 5 دەريانىڭ سۇ مىقدارى يىللاردىكىدىن كۆرىنەرلىك يۇقىرى بولۇپ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -10
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئوكيان تورى

باي ناھىيىسىدىكى 5 دەريانىڭ سۇ مىقدارى يىللاردىكىدىن كۆرىنەرلىك يۇقىرى بولۇپ ئاسانلا كەلكۈن كېلىشى مۇمكىن


جۇڭگو رادىئو تورىنىڭ 9-ئىيۇل خەۋىرى: 2011-يىلى 4-ئايدىكى سۈنئىي ھەمرادىن كۆزىتىشتىن كۆرسىتىلىشچە، باي ناھىيىسىنىڭ تاغلىق رايونى يىغىلغان قارلارنىڭ قاپلىنىش كۆلىمى 2415.11 كىۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، يىغىندى قار كۆلىمى بۇلتۇرقىدىن %16 ئاشقان. ھاۋارايى ئىستانسىسى، سۇ ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىگە ئاساسلانغاندا، تاغلىق رايوندىكى يىغىلغان قارلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئاشقانلىقتىن، تېمپراتورىنىڭ تېزلىكتە ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، باي ناھىيىسىدىكى مۇزات دەرياسى، قىزىل دەرياسى قاتارلىق 5 دەريانىڭ 6-ئايدىكى سۇ مىقدارى 479 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.68 ئاشقان، بۇ يىل ئاسانلا قارا يامغۇر، ئېرىگەن قارلارنىڭ سۈيى بىرلەشكەن ئارىلاشما كەلكۈن كېلىدىكەن.
باي ناھىيىسىدىكى دەريا ئېقىم مىقدارىنىڭ يىللاردىكىگە قارىغاندا كۆرىنەرلىك يۇقىرى بولىشىغا قارىتا، باي ناھىيىسى ئالدىن قول سېلىپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە ئاكىتىپ تەييارلىق قىلغان.

 

 

 

 

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش