رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 114484 قېتىم كۈرۈلدى
يېقىندا دۇنيا بويىچە ئەڭ غۇلغۇلا قوزغىغان سۆرەتلەر
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-04 -06
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

 

19-مارت، فرانسىيە، پارىژ: ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى ئېلىسې قەسىرىگە يېتىپ كېلىپ، لىۋىيە ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك يىغىنغا قاتناشتى.

 

 


19-مارت، ياپونىيە، ئاپەتتە يېقىنلىرىدىن ئايرىلغان ئايال ياش تۆكمەكتە

 

 


18-مارت، بولىۋىيە، ئايال چېلىشچى Remedios la Misteriosa لاي-لاتقا ئېقىنىدا تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم بېرىش يىغىنىدا

 

 


19-مارت، بەھرەيىن، ماناما: بەھرەيىن مۇسۇلمان ئاياللىرى شىئە مەزھىپىگە تەۋە بىر ئەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتتى. 15-مارت، نۇرغۇن جايدا توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، بەھرەيىندىكى بىر شىئە مەزھىپىنىڭ دىننىي زاتى ھۆكۈمەتنىڭ شىئە مەزھىپىدىكىلەرگە قارىتا <ئۆلتۈرۈش> سىياسىتىنى ئەيىپلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشىشىنى چاقىردى.

 

 


20-مارت، يەمەن، سانئا: ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرغۇچىلار سەپداشلىرىنىڭ جەسىتى يېنىدا ناماز ئوقۇپ قازا قىلغۇچىلارنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىكتە. يەمەن پايتەختى سانئادا 18-مارت ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشچىلار ئوققا تۇتۇلۇپ، ئاز دىگەندىمۇ 41 ئادەم قازا قىلىپ، تەخمىنەن 200 ئادەم يارلانغان. ۋەقەدىن كېيىن يەمەن زۇڭتۇڭى سالىھ پۇتۇن دۆلەتنى جىددىي ھالەتكە ئۆتۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

 

 

 


21-مارت، لىۋىيە، Zwitina : بىر نەپەر ئۆكتىچىلەرنىڭ ئەزاسى قۇرالىنىڭ يېنىدا ئىبادەت قىلماقتا. ئۇنىڭ يېنىدىكى بىرەيلەن توقۇنۇشتا قازا قىلغان سەبدىشىنىڭ تۇپراق بېشىدا ياش تۆكمەكتە

 

 


20-مارت، پاكىستان، لاھۇر: بىر كىچىك قىز رەڭلەنگەن تەخسىلەرنىڭ يېنىدا تۇرماقتا. پاكىستاننىڭ خۇلى بايرىمى بىر خىل رەڭگارەڭلىككە تولغان شادلىق بايرىمى

 

 


24-مارت، لىۋىيە، Zwitina : ھۆكۈمەتكە قارشى ئارمىيەنىڭ ئەزالىرى ئۇرۇش ئارلىقىدا ئارام ئالماقتا

 

 


24-مارت، بېلگىيە، بېريۇسسېل: ياۋروپا بىرلەشمە يىغىنى مەزگىلىدە، قارشىلىق بىلدۈرگۈچىلەر نامايىش قىلىپ، ياۋروپا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى ھۆكۈمەتنىڭ مالىيەنى قىسقارتىش پىلانى ۋە ياۋروپا بىرلەشمىسىنىڭ ئىقتىسادنى ئۆزگەرتىش پىلانىغا نىسبەتەن نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، ساقچىلار سۇ تاپانچىسى بىلەن ئاممىنى باستۇرغان.

 

 

 


18-مارت، شەرقى يېرۇسالىم، سىلۋان: بىر ئىسرائىلىيە جەڭچىسى پەلەستىن ياشلىرىنىڭ ئوت قويۇۋىتىشى بىلەن ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203