رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 272026 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭلىق سەرگەردان بالا قايتۇرۇپ كېلىندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-05 -27
  • يوللىغۇچى : ئالىمجان
  • مەنبەسى :
www.alhux.com 

ئەكبەرجان شىنجاڭغا قايتۇرۇپ كېلىندى

    ياڭ يىڭچۈن خەۋىرى : 2–ماي سائەت 19:59 دا T69–قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا توختىدى ، ئون ياشلىق سەرگەردان بالا ئەكبەر يۈسۈپ خۇشاللىقىدىن ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پاناھلاندۇرۇش–باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى دىلشاتنىڭ قولىدىن بوشۇنۇپ ، ۋوگزال سۇپىسىغا چۈشتى . پاناھلاندۇرۇش–باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جېڭپېڭ: ئەكبەر يۈسۈپ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 21–ئاپرېل ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سەرگەردان بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش قارارىنى چىقارغاندىن بۇيان خەلق ئىشلىرى تارمىقى قايتۇرۇپ كەلگەن تۇنجى بالا، دېدى.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 21–ئاپرېل: ‹‹ئاپتونوم رايون جەمئىيەت ۋە سەرگەردان بالىلارغا بولغان مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىپ ، مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن شىنجاڭلىق بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ، ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق جايدا شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى بايقىسا، ھەممىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، يۇرتىدا ياخشى تەربىيەلىنىش، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش شارائىتىغا ئىگە قىلىدۇ ››، دەپ جاكارلىغانىدى.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 28–ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن خاربىن شەھەرلىك پاناھلاندۇرۇش–باشقۇرۇش پونكىتىغا بېرىپ، پاناھلاندۇرۇش–باشقۇرۇش پونكىتىدا پاناھلىنىۋاتقان سەرگەردان بالا ئەكبەرنى يوقلىدى . ئەركىن ئىمىرباقى ئەكبەرنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى، يۇرتى ۋە خاربىندىكى ئەھۋالىنى سورىدى ھەم ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى .

    ئەركىن ئىمىرباقى بالىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ ، ئىمزاسىنى قويدى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقىدىكى مەسئۇل يولداشلارغا بالىنى قايتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاپىلىدى ھەم ئەكبەرگە: بۇنىڭدىن كېيىن مەكتىپىڭگە بېرىپ سېنى يوقلاپ تۇرىمەن، دېدى .ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنلا پاناھلاندۇرۇش– باشقۇرۇش پونكىتىدىكى خىزمەتچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئەكبەرنى قايتۇرۇپ كەلدى.

    ئەكبەر پاناھلاندۇرۇش–باشقۇرۇش پونكىتىغا كەلگەندىن كېيىن، ۋاڭ جېڭپېڭ ئۇنىڭ كىيىم–كېچىكىنى ئالماشتۇردى ، پونكىت دوختۇرلىرى سالامەتلىكىنى تەكشۈردى . ئارقىدىن ئەكبەرنى ئۈرۈمچى SOS بالىلار كەنتىگە ئاپىرىپ بەردى. بۇ يەردە كۈتۈپ تۇرغان 3–نومۇرلۇق ئائىلىنىڭ ئاپىسى سائادەت ئەكپەرگە ئوخشىتىپ پولۇ ئېتىپ بەردى . ئاپتونوم رايونلۇق پاناھلاندۇرۇش – باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۈن خەييۈ ئەكبەرنى ۋاقتىنچە بالىلار كەنتىدىكى 3–نومۇرلۇق ئائىلىگە ئورۇنلاشتۇردۇق ئۇنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ، ياخشى بىلىم ئىگىلىشى ئۈچۈن، مەكتەپكە بېرىمىز، دېدى

www.alhux.com

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203