ilan
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 693 قېتىم كۈرۈلدى
مىسىرنىڭ سابىق پىرىزدېنتى مۇبارەك يەنە سوتلاندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -28
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : okyan.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 28-دېكابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىسىرنىڭ سابىق پىرىزدېنتى مۇبارەك 12-ئاينىڭ 28-كۈنى قاھىرەدە يەنە سوتلانغان، ئۇ ئىككى ئاي ئىلگىرى بىر قېتىم سوتلانغان ئىدى.

پىرىزدېنت مۇبارەك بۇ يىل 2-ئايدا ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، چىرىكلىشىش ۋە خىيانەت قىلىش، نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن. مۇبادا ئۇنىڭ جىنايىتى تۇرغۇزۇلسا، ئېھتىمال ئېغىر بولغاندا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ ئوغلىمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن. مۇبارەك ۋە ئوغۇللىرى ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلغان.

 

Www.AnAdiyar.Cn

-ئاينىڭ 28-كۈنى، مۇبارەك دوختۇخانىنىڭ ھارۋىسىدا سوتقا كەلگەن. مۇبارەك بېلىكى بىلەن كۆزىنى ئېتىۋالغان بولۇپ، ئەتراپىنى ساقچىلار قورشاپ تۇرغان. مۇبارەك ئىزچىل قاھىرەدىكى بىر دوختۇرخانىغا قامالغان بولۇپ، دوختۇر ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.

بۇ يىل 8-ئايدىن بۇيان، مۇبارەك سالامەتلىكى يامانلاشقان ئەھۋالدا، نەچچە قېتىم نوسۇلكىدا يېتىپ تۇرۇپ سوتنىڭ چوڭ تۆمۈر قەپىزىگە ئوغۇللىرى بىلەن بىرگە كىرىپ سوتلانغان ئىدى. دېلو ئالاھىدە بولغاچقا، تۇنجى قېتىملىق سوت قىلىش نەق مەيدانى بىۋاستە تارقىتىلغان، سوت مەھكىمىسىنىڭ سىرتىدا تەرتىپ قالايمىقانلاشقان، سوتچى سوت قىلىش ۋاقتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان ھەمدە كېيىنكى سوتلاشلارنىڭ يېپىق شەكىلدە بولىدىغانلىقىنى، ئاخباراتلارنىڭ بىۋاستە خەۋەر قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. (نەپرەت)
 

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

沪ICP备11003167号ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776