نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 876 قېتىم كۈرۈلدى
ئىستېمالچىلار دىققەت:كەررېفور ۋاقتى ئۆتكەن يېمەكلىك ساتقانلىقتىن ئەيىبلەندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -17
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : finance.qq.com

بىر نەچچە ئاي بۇرۇن كەررېفورنىڭ شىنجىن قاتارلىق جايلاردىكى سودا دۇكانلىرىدا باھادا ساختىلىق ئىشلەتكەنلىكتىن نۇرغۇن جەرىمانە تۆلىگەن ئىدى، ئەمما يېقىندا بۇ شىركەتنىڭ بېيجىڭدىكى دۇكىنى يەنە ئەرز قىلىنىشقا ئۇچۇردى.
   8- ئاينىڭ 16- كۈنى «كۈندىلىك ئىقتىساد خەۋىرى» نىڭ مۇخبىرى بېيجىڭ چاۋياڭ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئىستېمالچى خې ئەپەندى ۋاقتى ئۆتكەن پىشلاق سېتىۋالغاندىن كىيىن بۇنى بايقاپ زىياننى تۈلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئەمما رەت قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېيجىڭ كەررېفور سودا چەكلىك شىركىتى ئۈستۈن سوتقا ئەرز سۇنۇپ، زىياننىڭ 10 ھەسسى بويىچە تۆلەم تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، بۇ دېلوغا 8- ئاينىڭ 23- كۈنى سوت ئېچىپ قاراپ چىقىلىدىكەن.
ئىستېمالچىنىڭ 10 ھەسسە تۆلەم تەلىپى رەت قىلىندى
     خې ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل 7- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئۇ كەرېففوردىن بىر دانە ئەيمېي ماركىلىق پىشلاق ۋە ئىككى دانە ئەيمادار پىشلىقى سېتىۋالغان بولۇپ، ئومۇمى سوممىسى 148.4 يۈەن. يۇقىرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى 2011- يىلى 1- ئاينىڭ 3- كۈنى، ساقلاش مۇددىتى 2011- يىلى 7- ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە ئىكەن. خې ئەپەندى ھېسابات قىلىپ بولغاندىن كىيىن بۇنى بايقاپ ھېساباتچىغا بۇ پىشلاقلارنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
خې ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەك- ئىچمەك بىخەتەرلىك قانۇنى» نىڭ 96- ماددىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا ئاساسەن ۋاقتى ئۆتكەن يېمەكلىك سېتىۋالغاندا، ساتقۇچى تەرەپ ئىستېمالچىلارغا 10 ھەسسە تۆلەم بېرىشى كېرەك ئىدى. ئەمما كەررېفور تاللا بازىرى دەسلەپتە 500 يۈەن تۆلەپ بېرىشكە قوشۇلغان بولۇپ، 10 ھەسسە تۆلەم 1484 يۈەننى تۆلەشنى رەت قىلغان، كېلىشتۈرۈشكە ئامال بولمىغانلىقتىن ئىككى تەرەپ سونىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قوشۇلغان.
خې ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە ئۇ 7- ئايدىن بۇيان بېيجىڭدىكى زەنجىرسىمان تاللا بازارلىرىدىن ۋاقتى ئۆتكەن يېمەكلىك سېتىۋالغان، بۇنىڭ ئىچىدە مور، پېچىنە، شاكىلات، پىشلاق قاتارلىقلار بار ئىكەن، ئۇنىڭ دېيىشىچە نۆۋەتتىكى بەزى چوڭ تىپتىكى زەنجىرسىمان تاللا بازارلىرى يېمەك- ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە ئەستايىدىل قارىمايدىكەن.
ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يالغاندىن سېتىۋېلىش
     بېيجىڭ كەرىففورنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبىرى ۋاڭ ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە،خې ئەپەندىنىڭ قىلمىشى «ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يالغاندىن سېتىۋېلىش» بولۇپ، نورمال ئىستېمالغا تەۋە بولمايدۇ دەپ قاراپ ، 10 ھەسسە تۆلەم تۆلەشنى رەت قىلغان.
ۋاڭ ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، خې ئەپەندى سېتىۋالغان مەھسۇلاتلار ئەتراپتىكى ھەممە تاللا بازىرىدا بار بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەس، بۇنىڭ سەۋەبى ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، بىرىنچىدىن مال بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپ ئەزەلدىن بۇ ساتقۇچىنى خې ئەپەندى سېتىۋالغان مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىمىگەن. ئىككىنچى؛ تاللا بازىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىمى ھەر كۈنى ماللارغا قارتا خاتىرە تۇرغۇزىدۇ، ئەمما ۋاقتى ئۆتكەن مەھسۇلات بايقىمىغان. ئۈچىنچىدىن؛ بۇ ئىشتىن كىيىن سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئورنىدىكىلەرمۇ بۇ تاللا بازىرىغا كېلىپ ۋاقتى ئۆتكەن مەھسۇلات تاپالمىغان. شۇڭا ساتقۇچى خې ئەپەندىنى ئاۋۋال ۋاقتى ئۆتكەن مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىپ ئۆزى تاللا بازىرىغا ئېلىپ كىرگەن دەپ گۇمان قىلماقتا؛
ئىستېمالچى ئەجەبا ۋاقتى ئۆتكەن يېمەكلىكنى  تاللا بازىرىغا ئېلىپ كىرەلەمدۇ؟
ۋاڭ ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، تاللا بازىرى دۇكانغا كىرگۈچىلەرگە قارتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمايدىغان بولۇپ، ھەجمى چوڭ بولمىغان بۇيۇملارنى ئېلىپ كىرسە بولىدىكەن.
ئادۋوكاتنىڭ دېيىشىچە، مال سېتىۋېلىش تالونى ھەل قىلغۇچ دەلىل- ئىسپات بولۇپ، باشقا مۇناسىۋەتلىك دەلىل- ئىسپاتلار داۋاملىق توپلىنىۋېتىپتۇ.

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش