نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 123 قېتىم كۈرۈلدى
200دوللارغا سېتىۋالغان iPad نەتىجىدە بىر ئەينەك بولۇپ چىقتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-11 -14
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.163.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

فىرىمەن 200دوللار خەجلەپ سېتىۋالغان «iPad»ئەسلى بىر ئەينەككەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

بۇ ئەينەكنىڭ چوڭلىقى iPadبىلەن تەڭ بولۇپ، سىرتىغا تېخى ئالما ماركىسىنىڭ بەلگىسى چاپلانغان.

 

Www.AnAdiyar.Cn

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، چەتئەل تاراتقۇلىرى خەۋىرى، ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىدىكى ئايال فىرىمەن يېقىندا ماي قاچىلاش پونكىتىدا بىر ئەرنى ئۇچرىتىپ قالغان، ئەر قولىدا ساتىدىغان iPadبارلىقى، 200دوللارغا ساتىدىغانلىقىنى ئېيتقان، فىرىمەن بۇنى ئاڭلاپ ھېچقانداق گۇمانلانمىغان، 200دوللار يەنى 1246يۈەن خەلق پۇلى خەجلەپ iPadنى سېتىۋالغان، ئۆيىگە بېرىپ قېپىنى ئاچسا ئويلىمىغان يەردىن iPadئەمەس ئۇنىڭ بىر دانە ئەينەك ئىكەنلىكىنى بايقىغان، دەل مۇشۇ چاغدا ئاندىن ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلغان.
فىرىمەن بىر قانچە كۈن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ ماي قاچىلاش پونكىتىغا بارغاندا بىر ئەرنىڭ iPadسېتىۋاتقانلىقى، 800(تەخمىنەن 4984يۈەن)دوللارلىق iPadنى 200دوللارغا ساتىدىغانلىقى ئېيتقاندا ئۆزىنىڭ ئىككىلەنمەي سېتىۋالغانلىقىنى ئېيتقان.
فىرىمەن دەسلەپتە ئۆزىنى ئەجەپ ئوبدان ئىشقا ئۇچرىدىم دەپ ئويلىغان ھەمدە كۆپ ئويلانماستىنلا 200دوللارغا iPadنى سېتىۋالغان، لېكىن ئۆيىگە كېلىپ قېپىنى ئېچىپ ئەينەك ئىكەنلىكىنى بايقاپ ئاندىن ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن شۇ ھامان ساقچىغا مەلۇم قىلغان. نۆۋەتتە ساقچىلار پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالدامچى ساختىپەزنى تۇتۇشقا كىرىشكەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش