نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 9550 قېتىم كۈرۈلدى
شاڭخەيدە ماشىنا نومۇر تاختىسىنىڭ باھاسى 75مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-01 -19
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : toutiao.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

 چاغاننىڭ يېقىنلىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتوموبىل سېتىۋىلىش يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. نۆۋەتتە، شاڭخەيدە ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىغا بولغان ئېھتىياج شىددەت بىلەن ئۆرلىگەچكە، بۇيىل شەخسى ئاپتوموبىللارغا بىرىلىدىغان نومۇر تاختىسى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىپ، باھاسى ئۆسۈپ كەتكەن، باھا تۇنجى قېتىم 75 مىڭ يۈەنلىك ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتۈپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان. (ئىزاھات: شاڭخەيدە ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ماشىنا سېتىۋىلىشقا بولىدۇ).

Www.AnAdiyar.Cn

-يانۋار چۈشتە ئاياغلاشقان شاڭخەي شەھىرىنىڭ 2013-يىلى 1-ئايلىق شەخسى ئاپتوموبىل نورمىسىنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شاڭخەيدىكى شەخسىلەر ۋە شەخسى كارخانىلارنىڭ ئاپتوموبىل نورمىسىغا خېرىدار بولۇش كىمئارتۇق قىلىشتا، ئەڭ تۆۋەن پۈتۈشۈش سوممىسى ۋە ئوتتۇرىچە باھاسى زور دەرىجىدە ئۆسكەن. مۇشۇ ئايدا شاڭخەينىڭ شەخسى ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىغا خېرىدار بولۇش پۈتۈشۈش سوممىسى 75 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 6100 يۈەن ئاشقان؛ مۇشۇ ئايلىق ئوتتۇرىچە خېرىدار بولۇش باھاسى 75332 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىن 5986 يۈەن ئۆسكەن. شۇنداقلا مۇشۇ ئايدا شاڭخەينىڭ شەخسى ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى تۇنجى قېتىم 70 مىڭ يۈەنلىك ئۆتكەلىنى بېسىپ ئۆتكەن.

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776