نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 7523 قېتىم كۈرۈلدى
سامسۇڭ Note3 نىڭ ئەڭ كۈچلۈك رىقابەتچىسى بولغان LG Optimus G2
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-07 -11
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : mobile.163.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

LG Optimus G2 نىڭ ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلانغاندىن تارتىپلا، كىشىلەر ئۇنى سامسۇڭ Galaxy Note III يانفونىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رىقابەتچىسى دەپ قارىغانىدى، بۈگۈن، چەتئەلدىكى مەلۇم بىر تاراتقۇ تور بېكىتىدەLG Optimus G2 نىڭ بىر يۈرۈش سۈزۈك رەسىملىرى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلانغان.
LG Optimus G2 بۇندىن ئىلگىرىمۇ ئوخشاش بولمىغان بىر نەچچە سەھنىدە ئۆزىنى نامايەن قىلغانىدى، نەچچە كۈن بۇرۇن، LG شىركىتى ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلارغا تەكلىپنامە ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «Great 2 Have You» دەپ يېزىلغانىدى( بۇ سۆزنىڭ مەنىسى شىركىتىمىزنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇلۇغۋار مەھسۇلاتى، سىزنىڭ تاللىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ، دىگەنلىك)، تەكلىپنامىنىڭ ئاستى تەرىپىگە 2013-يىلى8-ئاينىڭ 7-كۈنى نىيۇيورك شەھرىدە مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ دەپ يېزىلغان.
ئىگەللىنىشىچە،LG Optimus G2 يانفونىغا Snapdragon 800 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، توردا ئاشكارىلانغان رەسىملەردىن قارىغاندا، بۇ يانفوننىڭ تاشقى شەكلى ناھايىتى كۆركەم ۋە سىپتا بولۇپ، گۇگېلNexus تۈرىدىكى يانفوننىڭ نۇرغۇنلىغان لايىھە ئىلمېنتلىرى ئۆزىگە مۇجەسسەملەنگەن. بۇ يانفونغا يەنە قوش ياڭراتقۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، قوزغىتىش ۋە ئاۋاز كۇنۇپكىلىرى يانفون گەۋدىسىنىڭ ئارقا يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يانفوننىڭ ئالاھىدە نېپىز بولۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان.
نۆۋەتتە ئاشكارىلانغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بۇ يانفوننىڭ ئاساسلىق سەپلىمىسى تۆۋەندىكىچە:
5.5 دىيۇملۇق1080P ئېنىقلىقتىكى ئالاھىدە سۈزۈك ئىكران؛
گاۋتوڭSnapdragon 800 تىپىدىكى تۆت يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئاساس چاستوتىسى2.3GHz ؛
2GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ؛
13 مىليون پىكسىللىق كامېرا؛
Android 4.2.2 Jelly Bean / LG UI؛
ئالاھىدە تار گىرۋەك لايىھىسى قوللىنىلغان؛
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203