نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1190 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكا ئىراققا 4 مىليارد800 مىليونلۇق ئاپاچ سېتىپ بېرىشنى ماقۇللىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-01 -29
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.163.com

 

Www.AnAdiyar.Cn 

 

ئامېرىكا دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەڭ ئاخىر ناھايىتى تەستە ئىراققا تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە باشقا ھەربىي قورال ياراقلارنى سېتىپ بېرىشنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزگەن، ئىراقنىڭ «بازا» قوراللىق ئۇنسۇرلىرىغا زەربە بېرىشىگە ياردەم قىلماقچى بولغان.
خەۋەردە ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىراققا ئالتە دانە ئاپاچ تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىپ بېرىشكە قوشۇلغان. بۇ پەقەت 4 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بىرىنچى قېتىملىق ھەمكارلىق سودا بولۇپ، بۇ قوراللار ئارقىلىق ئىراقنىڭ كۈنسىرى كەسكىنلىشىۋاتقان تىرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قالايمىقانچىلىق ۋەزىيەت تۇغدۇرىشىغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم قىلىدىكەن.
«دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ «ۋال كوچىسىنىڭ كۈندىلىك گېزىتى»دىكى خەۋىرىنى نەقىل قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرلىكىنىڭ پىلانىدا ئىراققا 24 دانە AH-64E ئاپاچ تىك ئۇچار سېتىپ بېرىشنى پىلانلىغانلغان، ئەمما ئامېرىكا تاشقى ئىشلار دېپلوماتىك سېستىمىسىدىكى روبېرت مېندېس قارشى تۇرۇپ توسماقچى بولغان.
مېندېس ئىراق ھۆكۈمىتى بۇ قوراللار ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي دۈشمەنلىرىگە تاقابىل تۇرىشى مۇمكىن، 1-ئاينىڭ 27-كۈنى، مېندىس دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق قورال ياراق ئۆتۈنۈپ بېرىش، سېتىشىغا قارشى تۇرۇش پىكىرىنى ئاخىر ئەمەلدىن قالدۇردى. خەۋەردە دىيىلىشىچە، نۇرى مالىك رەھبەرلىكىدىكى ئىراق ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان غەربى قىسىمدىكى ئەنبار ئۆلكىسىدە «بازىنىڭ»قوراللىق ئۇنسۇرلىرى بىلەن بىر قانچە قېتىم ئۇرۇش قىلغان، كۆپ قېتىم ئامېرىكا قوراللىرىغا ئېرىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. ئەمما خەۋەردە كۆرىتىلىشىچە، بۇ توختام يېقىنقى مەزگىل ئىچىدە يۈز بېرىدىغان ئۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىش رولىنى ئۆتۈمەيدىكەن. بەش بۇرجەكلىك بىنا دەسلەپكى قەدەمدە بۇ يىل يازدا ئىراققا ئالتە ئاپاچ ماركىلىق تىك ئۇچار سېتىپ بېرىش، ئىراقنىڭ ئۇچقۇچىلىرىنى تەربىيەلەشنى پىلانلىغان. كىيىنكى 24 يۈرۈش ئاپاچ ئايروپىلان ۋە 500 دانە« دوزاخ ئوتى»ناملىق باشقۇرۇلدىغان بومىنىڭ سودا پۇلىسىنى 3 يىل ئىچىدە تاپشۇرسا بولىدۇ دىيلگەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203