نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 979 قېتىم كۈرۈلدى
كەلگۈسىدىكى ئاندىرويىد يانفونلىرىدا كۆپ خىل ۋەزىپە كۆزنىكى ھازىرلىنىدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-01 -29
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : digi.tech.qq.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئاندىرويىد ئىشلەتكۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىز يانفوندا كۆپ كۆزنەك ئارقىلىق كۆپ خىل ۋەزىپىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىجرا قىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ئىش بېجىرىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ سامسۇڭ ئوتتۇرىغا چىقارغان ئاندىرويىد يانفونلىرى گەرچە بەلگىلىك دەرىجىدە كۆپ كۆزنەكلىك ئىقتىدارنى ھازىرلىغان بولسىمۇ، بىراق، كۆپىنچە ھاللاردا ئىكراندا كۆرەلەيدىغىنىمىز ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى كۆزنەكتىن ئىبارەت، خالاس. ئەمەلىيەتتە، يانفونغا بولغان ئېھتىياجىمىزنىڭ ئېشىپ بىرىشىغا ئەگىشىپ، بىز بىر تەرەپتىن توردا كىنو كۆرگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن توربېكەتلەرنى زىيارەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىمىز، بىراق، نۆۋەتتە ئوتتۇرىغا چىقىرىلىۋاتقان ئاندىرويىد يانفونلىرى بۇنىڭغا كەلگەندە ئاجىزلىق قىلىدۇ.
بىراق، يىقىندا مەلۇم بىر تور ئابونتى ئاندىرويىد سىستېمىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات ھالىتىنى نامايەن قىلغان بىر پارچە ۋىدىيونى تورغا يوللىغان بولۇپ، بۇنىڭدا دەل ئابونتلار ئارزۇ قىلىپ كەلگەن كۆپ كۆزنەكلىك ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ۋىدىيوغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭدىكى ئاندىرويىد يانفونىنىڭ ئاساس ئىكران يۈزى ئۈستى ۋە ئاستى دەپ ئايرىم-ئايرىم ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەربىر قىسىمدا يەنە كۆپ خىل ئەپلەرنى تەڭلا ئىجرا قىلغىلى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سىستېمىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى رەتلىك ۋە مۇكەممەل لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئابونتلار يەنە پەقەت بارماقنى يىنىك چىكىش ئارقىلىقلا ئۈستى ۋە ئاستى ئىكراندا ئىجرا بولۇۋاتقان ئەپلەرنى خالىغانچە ئالماشتۇرالايدىكەن.

ئەلۋەتتە، بۇ مەلۇم بىر تەكشىلىك لايىھەلەش ئۇستىسىنىڭ ئاندىرويىد يانفونىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇسى، خالاس، نۆۋەتتە بۇنى تېخنىكا جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخى مۇمكىن بولمايدۇ. ئەمدى كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولامدۇ-يوق دىگەن مەسىلىگە كەلسەك، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئاندىرويىد سىستېمىسىنىڭ يادروسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم چەكلىمىلىكلەرنى بۇزۇشقا توغرا كىلىدۇ.
بەلكىم، ئاندىرويىد يانفونى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆپ خىل ۋەزىپىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىجرا قىلىشقا بولغان ئېھتىياجى ئانچە كۈچلۈك بولمىسا كىرەك، بىراق، ئاندىرويىدلىق تاختا كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن، بۇنداق كۆپ خىل ۋەزىپە ۋە كۆپ كۆزنەكلىك سىستېمىنىڭ رولى چوقۇم ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203