نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1209 قېتىم كۈرۈلدى
پەلەستىن: ئىسرائىلىيەنىڭ تەدرىجىي ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنى قوبۇل قىلالايمىز
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-01 -29
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.chinanews.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

جۇڭگو ئاخبارات تورى، 29 - يانۋار خەۋىر، نۇر تورى تەرجىمىسى. چەتئەل
ئۇنىۋېرسال تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس 28 - يانۋار پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش كېلىشىمىدىكى مۇددىتى ئۈچ يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىلنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن ئابباس ھەر قانداق مۇددىتى 10 يىل ياكى 15 يىللىق ئۆتكۈنچى دەۋىر تەكلىبى ھەقىقىي ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پەلەستىن تەرەپ مۇددىتى ئۈچ يىللىق بولغان ئۆتكۈنچى دەۋىرنى مۇۋاپىق دەپ قارايدىكەن.
ئابباس ئىسرائىلىيەدىكى بىر بىخەتەرلىك يىغىنىدا قويۇلغان زىيارەت فىلىمىدە پەلەستىننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىئوردان دەرياسى جىلغىسىدىن تەدرىجىي ئەسكەر چېكىندۈرۈشىگە يول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەسكەر چېكىندۈرۈش ئۆتكۈنچى مەزگىلىدە ئۈچىنچى تەرەپ، مەسىلەن ش ئا ئە ت شۇ يەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە خىزمىتىگە مەسئۇل بولسا بولىدىكەن.
ئىئوردان دەرياسى جىلغىسى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىئوردانىيە بىلەن چېگىرىلىنىدۇ. بۇ رايون پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تىنىچلىق سۆھبىتىدىكى مەركىزى مەسىلە. ئىسرائىلىيە بۇ ئىستىراتىگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە چېگرىدا داۋاملىق ئەسكەر تۇرغۇزۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، پەلەستىن بولسا پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىسرائىلىيەنىڭ دەرھال ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203