نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> پەن -مائارىپ >> يازما كۈرۈش >> 1220 قېتىم كۈرۈلدى
ياپونىيە 300مېتىر ئېلىكتىرونلۇق توردا ئالەم ئەخلىتى يىغماقچى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-01 -29
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : world.gmw.cn

ياپونىيە ئالەم قاتنىشى تەتقىقات تەرەققىيات ئورگىنى (Jaxa) بىلەن Nitto Seimo ھەمكارلىشىپ ئېلىكتىرونلۇق تور ياساپ 2014-يىلى2-ئايدا ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىپ، ئالەم بوشلۇقىدىكى لەيلىمە ماددىلارنى يىغىۋېلىش تېخنىكىسىنى سىناق قىلماقچى بولغان. ئېلىكتىرونلۇق تور شىياڭگاڭ ئۇنۋېرسىتىتى تەتقىق قىلغان سۈنئىي ھەمرادا قويۇپ بېرىلىدۇ. سۈنئىي ھەمرا ئوبىتىغا كىرگەندىن كىيىن، ئالەم بوشلۇقىدا 300 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى، 30 مېتىر كەڭلىكتىكى مىتال تالا تور يېيىلىدۇ، بۇ تور ئۈچ دانە چىداملىق بولغان مىتال تالادىن تۈزۈلگەن. نەزەرىيە جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ توردا بىر ماگىنىت مەيدانى پەيدا بولۇپ، ئاتموسفىرا سىرتىدىكى ئالەم ئەخلەتلىرىنى سۈمۈرىدىكەن. 2- ئايدىكى سىناقنىڭ مەقسىتى بولسا تور ماگىنىت مەيدانى ئارقىلىق، ئوربىتىدىكى ئالەم ئەخلەتلىرىنى سۈمۈرۈش. بىر يىل ۋاقىت ئارقىلىق، بۇ خىل تور ۋە يىغىۋېلىنغان ئەخلەت يەر يۈزىگە تۆۋەنلىتىلىپ،ئاتموسفىرا قاتلىمىغا يەتكەن ۋاقىتتا سۈركىلىش ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسى سەۋەبىدىن ئۆزىنى كۆيدۈرىۋالىدىكەن.
(Nitto Seimo تور ياساش شىركىتىنىڭ ئېنژىنىرىنىڭ دىيىشىچە، 5 يىل ئالدىدا، بىز بۇ تۈرنى باشلىغان. بۇ شىركەت ھازىر ئاللىقاچان بىر خىل مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تورنى ياساپ چىققان.
كەلگۈسىدە Jaxa ئالەم تەكشۈرۈپ تۇتقۇچىسى ئىشلىتىپ،تېخىمۇ كۆپ بولغان مىقداردا ئالەم ئەخلىتىنى يىغىشنى پىلانلىغان ھەمدە ئېغىرلىق كۈچىگە ياردەم قىلىپ ۋە ئاتموسفىرا قەۋىتىنىڭ تەھدىتىنى يوقاتماقچى بولغان.
Jaxa پىلانى بولسا 2015- يىلى ئۆتكۈزمەكچى بولغان، ھەمدە ئەڭ بالدۇر بولغاندا 2019- يىلى خىزمەت سېستىمىسىنى نورمال ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان.

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203