نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 1397 قېتىم كۈرۈلدى
«غەزەپلەنگەن قۇش» ئويۇنى سىزنى شەخسى ئۇچۇرىڭىز توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرىدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-01 -29
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : tech.qq.com

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر بىرىشىچە، يېقىندا ئېلان قىلغان ئامېرىكا دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسى ھەمدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خەۋەرلىشىش باش مەھكىمىسىنىڭ ئىچكى قىسىملاردىكى خىزمەت دوكلاتىدا، كۆپلىگەن جاسۇسلۇق ئورگانلىرى ئەقلىيفۇننىڭ ھەرخىل يۇمتاللىرى ئارقىلىق شەخسى ئۇچۇر ئوغرىلايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ تىلغا ئالغان. يەر شارى بويىچە ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ رەسىمىنى تورغا يوللاپ دوستلىرى بىلەن تەڭ بەھىرلىنىش مودا بولغان مۇشۇ كۈنلەردە، بۇ ئىككى مەھكىمە كەڭ ئابونتلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى تورغا يوللىغاندا ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدىكەن. ھەتتا غەزەپلەنگەن قۇش ئويۇنى ئۈچۈن تىزىمغا ئېلىنغان ئۇچۇرلىرىڭىزمۇ جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىكەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئۆزىڭىزنىڭ شەخسى ئۇچۇرىنى ئۇلار قانداق بىلەلەيدۇ؟ ئەلۋەتتە بىلەلەيدۇ. بۇنى يەنىلا گاچا قىزنىڭ تىلىنى ئانىسى بىلىدۇ، دېگەن تەمسىل ئارقىلىق چۈشىنىش كېرەك. ئامېرىكا خاسۇسلۇق ئىدارىسى قول ئاستىدىكى تالانتلىقلار ئارقىلىق سىزنىڭ يانفۇن ئىچىلىش مەخپى نۇمىرىڭىزدىن تارتىپ، يانفۇنىڭىزدىكى بارلىق قىسقا ئۇچۇر بولامدۇ ياكى نۇمۇر تىزىملىكى بولامدۇ ئومومەن ھەممىنى بىلەلەيدىكەن. چۈنكى سىز يول بىلمىگەندە ئىشلەتكەن گۇگىل خەرىتە يۇمتالى ئارقىلىق خەرىتىگە مۇناسىۋەتسىز بولغان بارلىق ئۇچۇرلىرىڭىزنى بۇ ئىككى ئورگان ئاختۇرۇش سىستېمىسىغا «يىزىپ» ماڭىدىكەنسىز. بەلكىم سىز بۇنىڭدىن بىر ئەقىلنى تىپىپ، بۇ يۇمتالنى يۇيىۋىتىپ، ئىشلەتمەسلىكىڭىز مۇمكىن. بىراق شەخسى ئۇچۇر ئاشكارىلىنىش مەسىلىسى شۇنىڭ بىلەن ھەل بولمايدۇ.

 

Www.AnAdiyar.Cn 

بىكار قالغان ۋاقتىڭىزدا ئۈندىدار ئويناشقا ۋە «غەزەبلەنگەن قۇش» بىلەن ئوق ئىتىپ ئويناشقا كۆنگەن سىز، بۇ ئىككى يۇمتالنىڭ دۇنيا بويىچە شەخسى ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش پىرى دېگەن نامىنىڭ بارلىقىنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. «غەزەبلەنگەن قۇش» ئويۇن يۇمتالىنى ياسىغان Rovio شىركىتى جاسۇسلۇق شىركەتلىرىنىڭ بۇ يۇمتالى ئارقىلىق ئابۇنتلىرىنىڭ شەخسى ئۇچۇرىنى ئوغرىلايدىغانلىقىنى Rovio شىركىتى بىلمەيدۇ، بىراق ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بىلىدۇ. ئۇلار بۇ ھەقتە توختىلىپ : بىز پەقەت بۇ خىل ئۇچۇر ئارقىلىق چەتئەل ئاخباراتلىرىنى نىشان قىلىمىز. بىز بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ھەر قانداق يۇمتالى ئارقىلىق يېزىپ ماڭغان شەخسى ئۇچۇرىنى ئاختۇرمايمىز، ئەمما قانۇن دائىرسى ئاستىدا نازارەت قىلىمىز، دەپ بەرگەن ۋەدىسىمىز بار،دېگەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

شۇنىڭدىن قارىغاندا، مەيلى ئۈندىدارنى ئىجاد قىلغان تېڭشۇن شىركىتى بولسۇن ياكى گۇگىل خەرىتىسى يۇمتالىنىڭ ئىجادچىسى گۇگىل شىركىتى بولسۇن، بۇ شىركەتلەرنىڭ سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئاختۇرۇپ ئولتۇرۇشقا ۋاقتى يوق، بىراق زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندا شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشى تەس ئەمەس.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203