نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 8310 قېتىم كۈرۈلدى
ئىران ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى توي قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-07 -11
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : world.huanqiu.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

ياشلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا كېچىكىپ توي قىلىپ، نوپۇسنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى يىلسېرى تۆۋەنلەپ كەتكەچكە، ئىران ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالدۇر توي قىلىپ، بالدۇر پەرزەنتلىك بولۇشنى زور كۈچى بىلەن تەشەببۇس قىلدى. 9- ئىيۇل، ئىران پەن- تېخنىكا مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپلەردە ئىستۇدېنتلار توي قىلىشنى بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلىپ، ئىستۇدېنتلارنى توي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكچى بولدى.
پارس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران پەن- تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى ھاجۇسالۋى 9- ئىيۇل ئېلان قىلىشىچە، پەن- تېخنىكا مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپلەردە ئىستۇدېنتلار توي قىلىشنى بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلىش نىزامنامىسى تۈزگەن، پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.
ھاجۇسالۋىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل 11- ئايدىن ئىلگىرى، ئىران ئالدى بىلەن مەملىكەت بويىچە توققۇز نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپتە «ئازادە توي قىل» ناملىق توي قىلىشنى بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلىدىكەن، بۇ تۈرنى پەن- تېخنىكا مىنىستىرلىقى ياشلار تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارلىق مىنىستىرلىق- كومىتېتلار بىلەن بىرلىكتە تاماملايدىكەن. ئالىي مەكتەپتە توي قىلىشنى تىزىملاتقان ئىستۇدېنتلار ياردەمگە ئېرىشەلەيدىكەن، ئۇلار توي قىلغان چاغدىكى بىر قىسىم خىراجەتلەر، يەنى سورۇن ئىجارە ھەققى، توي زىياپىتى ھەمدە بىر قىسىم تۇرمۇش خىراجىتىنى ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئىچىدىكى ئىئانە قىلغۇچىلار تەمىنلەيدىكەن.
ئىران جەمئىيىتىدە بالدۇر توي قىلىپ، بالدۇر پەرزەنتلىك بولۇش ئادىتى بار. قىز- يىگىتلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن توي قىلىش يېشى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 18 ياش ۋە 16 ياش، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ئىزچىل ناچارلىشىشى، ياشلار ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، سىرتقى مەدەنىيەتنىڭ ھۇجۇم قىلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئىراندىكى ياشلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا كېچىكىپ توي قىلىپ، كېچىكىپ پەرزەنتلىك بولۇش، ھەتتا توي قىلماسلىقنى تاللاپ، نوپۇسنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، شۇ جايدىكى ئۇقۇمۇشلۇق زاتلارنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىدى. 2012- يىلى 8- ئايدا، ئىران ھۆكۈمىتى 20 نەچچە يىل يولغا قويغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ياشلارنى پەرزەنتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە ئۆزگەرتتى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776