نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 2621 قېتىم كۈرۈلدى
بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-10 -15
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : تور

 

Www.AnAdiyar.Cn

كۆڭۈللەرنى سۆيۈندۈرۈپ بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى قۇربان ھېيت يەنە يېتىپ كەلدى. ئۇلىنىش تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بايرىقى ئاستىدىكى ئۇلىنىش تورى، نۇر تورى ۋە ئۇچۇر تورى ئىزچىل خىزمىتىمىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان ۋە زور مەدەتلەرنى بەرگەن بارلىق تورداشلارنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ. «قۇربان» سۆزى «قۇربانلىق قىلىش» مەنىسىدە بولۇپ، قۇربان ھېيت ھىجرىيە بويىچە زۇلھەججە ئېيىنىڭ 10-كۈنى يەنى ھەج تاۋاپنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردا روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت، بولۇپمۇ قۇربان ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن، باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش مۇراسىم ۋە ئادەتلەردىن سىرت، نۇرغۇن ئېسىل ئەنئەنە ۋە ياخشى ئادەتلەر شەكىللەنگەن. ھېيتتىن بۇرۇن ھەممە ئائىلىدە چوڭ تازىلىق قىلىدۇ، ھويلا-ئارامنى پاكىزلايدۇ، ئائىلە ئەزالىرى ئىمكان بار بىرەر قۇردىن يېڭى كىيىم كىيىدۇ ياكى يېڭىراق كىيىملەرنى يۇيۇپ ھېيتلىق كىيىم قىلىدۇ، بولۇپمۇ كىچىك بالىلارغا يېڭى كىيىم قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنى چىرايلىق ياساندۇرۇپ قويىدۇ، ھېيت-ئايەم كۈنلىرى ئۆز-ئارا ھېيتلىشىدۇ، ئۇرۇق-تۇغقان، ئەل-ئاغىينە ۋە قولۇم-قوشنىلار ئارىسىدا ئازارلىشىپ يۈرگۈچىلەر ھېيىت-ئايەم مۇناسىۋىتى بىلەن بىر-بىرىنىڭ ئۆيىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھېيتلاپ كىرىپ، ئوتتۇرىدىكى ئاداۋەتلەرنى يۇيۇپ تاشلايدۇ ھەمدە ياخشىلىشىپ قالىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقانلار شۇ ئائىلىدىكى كىچىك بالىلارغا ھېيتلىق تۇتقۇزۇپ قويىدۇ، بۇ بايرام ھازىر مىللىي بايرامغا ئايلىنىپ قالدى. شۇڭا، مۇسۇلمانلارنىڭ خۇشال-خۇرام ھېيت ئۆتكۈزۈۋېلىشى ئۈچۈن، ئارامغا قويۇپ بېرىش قانۇنلۇق بولۇپ قالدى. (ئەسلى مەنبەسى: شەمشىدىن ھاجى، مىلادىيە ۋە ھىجرىيە كالېندارى سېلىشتۇرمىسى، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2008-يىل بېيجىڭ) «ھېيت مۇبارەك» تەبرىك سۆزىنىڭ باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر تىلىدىكى يېزىلىشى

Arabic: عيد مبارك‎
English: Eid Mubarak
Persian/Urdu: عىد مُبارک
Malayalam: ഈദ്‌ മുബാറക്‌
Bengali: ঈদ মোবারক

كاۋكاز ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى سەمى ئۆزجان قۇربان ھېيت بايرىمى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «قۇربان ھېيت بايرىمى ئىتتىپاقلىق، باراۋەرلىك ئاساسىدا، قېرىنداشلىق، دوستلۇق، سۆيگۈنىڭ قىممەتلىك مېھىر-مۇھەببىتىدىن ھەممە تەڭ بەھرىمان بولىدىغان، ھەممە چوڭلارنى، ئاتا-ئانىلارنى، دوست-بۇرادەر، خولۇم-خوشنىلارنى يوقلايدىغان، ئازارلىشىپ قالغانلار ئۇلۇغ ھېيتنىڭ ھۆرمىتى سەۋەبلىك ئادەۋەتلىرىنى يۇيۇپ قايتىدىن قان-قېرىنداشقا ئايلىنىدىغان، يوقسۇل، يېتىم-يېسىر ۋە موھتاجلىق ئىچىدىكى كىشىلەرگە قېرىنداشلىق مېھرى يەتكۈزىلىدىغان ئالاھىدە ئۇلۇغ بايرام» مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەردە بارلىق تورداشلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولىشىنى، كۈنلىرىنىڭ خوشال-خورام ئۆتىشىنى، ھەركىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يېتىشىنى، بەختلىك، سالامەت بولىشىنى تىلەش بىلەن بىرگە ئايەملىك سالام يوللايمىز. بۇ خۇشاللىق، شاتلىق، ھىدايەت، دىيانەتنىڭ ئەلچىسى بولغان قۇتلۇق ئايىمىڭلەرگە مۇبارەك بولسۇن! بارچە تەنتەنە ۋە تەبرىك سىزلەرگە بولسۇن!

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203