نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 4054 قېتىم كۈرۈلدى
«ئاق تۇل خوتۇن»نىڭ يوشۇرنىۋالغان تۇرالغۇسى ئاشكارلاندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-09 -28
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.163.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

سۈرەتتە: «ئاق تۇل خوتۇن» يوشۇرنىۋالغان تۇرالغۇسى دەپ گۇمانلىنىلغان ئۆينىڭ سۈرىتى ئاشكارلاندى.
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرى،

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 28-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، كىنىيە پايتەختى نايروبىددا يۈز بەرگەن تىرورلۇق ھوجۇمى ۋەقەسىدىكى گۇمانلىق شەخىس «ئاق تۇل خوتۇن» دەپ ئاتالغان ئەنگىلىيەلىك ئايال سامانسا ۋارسىۋېيتې (Samantha warSiweiTe) نىڭ ئىككى جايدىكى يوشۇرنىۋېلىشى مۇمكىن بولغان تۇرالغۇسى يېقىندا ئاشكارلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇلاردىن باشقا يەنە بىر قانچە جايدا يوشۇرۇندىغان تۇرالغۇلىرى بار ئىكەن.
 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى ئەترىتى 26-چىسلا «ئاق تۇل خوتۇن» دەپ ئاتالغان ئەنگىلىيەلىك ئايال سامانسا ۋارسىۋېيتېغا قارىتا قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.
 

Www.AnAdiyar.Cn

23-چىسلا خەۋرە قىلىنىشىچە، كېنىيە ئەمەلدارىنىڭ دەلىللىشىچە، پايتەخت نايروبىدىكى مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۈچ نەپەر تېررورچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇچۇردار زاتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۈچ كىشىنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئاق تەنلىك ئايال بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى دېلودىكى «باش جىنايەت گۇماندارى»، يەنى لوندون پارتلىتىش ۋەقەسىدىكى جىنايەت گۇماندارى جېرمانې لىندساينىڭ يەسىرەسى سامانزا لېۋزۋايتې بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، بىر نەپەر ئاخبارات ئەمەلدارى ۋە ئىككى نەپەر ئەسكەرنىڭ دەلىللىشىچە، بىر نەپەر ئاق تەنلىك ئايال ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ بىرسى ئىكەن. ساقچى تەرەپ تېخى ئۇنىڭ تېررورچىنىڭ كىيىمى كىيدۈرۈلگەن تۇتقۇن ياكى ئەمەسلىكىنى دەلىللىمىدى.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776