نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 1789 قېتىم كۈرۈلدى
Android نىڭ ئەڭ يېڭى نەشرى KitKat ئېلان قىلىندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-11 -02
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : tech.163.com

چەتئەل پەن-تېخنىكا بلوگى  AllThingsD نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، گۇگىلنىڭ كېيىنكى ئەۋلات Android نەشىرى KitKat نىڭ كۆرۈنمە يۈزى پۈتۈنلەي قايتىدىن لايىھەلەنگەن بولۇپ ، ئىشلەتكۈچىلەر تېخىمۇ قولايلىق ھالدا مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدىكەن ، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە قىسقا ئۇچۇرغا ئادرېس ۋە چىراي ئىپادىسى كىرگۈزگىلى بولىدىكەن . بۇ سىستېمىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى __ ئىچكى سىغىمى ئاران 512MB بولغان ئۈسكۈنىلەرمۇ بۇ سىستېمىنى قوللايدىكەن ، گۇگىل بۇنداق قىلىش ئارقىلىق Android KitKat نى مىليونلىغان Android ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئالدىن تاللايدىغان سىستېمىسىغا ئايلاندۇرماقچى .
ئەقلىيفونلارنىڭ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازارلاردىكى سېڭىپ كىرىش نىسبىتى %5 كىمۇ يەتمەيدۇ ' دېدى گۇگىلنىڭ Android تۈرىنىڭ مەسئۇلى Sundar Pichai بۈگۈن سانفىرانسىسكو دا Android KitKat ۋە Nexus5 نى ئېلان قىلغاندا ، ' 2014-يىلى ، بىزنىڭ نىشانىمىز مەھسۇلاتىمىزنى كېيىنكى مىليونلىغان كىشىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈش '
گۇگىلنىڭ بىرازىلىيە ، ھىندىنوزىيە ، ھىندىستان ، رۇسىيە ۋە مىكسكىدىكى تىجارەت ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى ،  Sundar Pichai  يۇقىرقى رايونلارنىڭ بازار ئەھۋالىنى ناھايىتى ياخشى ، ھەر يىللىق ئېشىش نىسبىتى ئۈچ ھەسسە ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ ، لېكىن بۇ جايلاردا سېتىلىۋاتقان Android ئەقلىيفونلارنىڭ سىستېما نەشىرى گۇگىل ئىككى يىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا چىقارغان Android2.3 نەشىرى دېدى .
گۇگىلنىڭ يېڭى ئېلان قىلغان Android نەشىرىنىڭ ئىچكى سىغىمى 512MB بولغان ئۈسكۈنىلەرنىمۇ قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىشى ئەڭ يېڭى نەشىردىكى سىستېمىنىڭ بازار ئۈلۈشىنى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ، ئىلگىركى چوڭ يېڭىلىنىشلارنىڭ يانفوننىڭ سەپلىمىسىگە بولغان تەلىپى بىر قەدەر يۇقىرى ئىدى ، لېكىن Android KitKat نىڭ يانفوننىڭ سەپلىمىسىگە بولغان تەلىپى ئانچە يۇقىرى ئەمەستەك قىلىدۇ .
ئەڭ يېڭى نەشىردىكى Android KitKat  يانفوننىڭ ئىچكى سىغىمى ، بىر تەرەپ قىلغۇچ قۇۋۋىتى ۋە قوللانما ئەپكە لازىملىق بولغان ئىچكى سىغىم قاتارلىقلارنى ئانالىز قىلىپ ھەم مۇۋاپىق ئوۇنلاشتۇرۇپ سىستېمىنىڭ راۋانلىقى ۋە ئەپنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدىكەن . ' ئەقىللىق ئەپ ئىجادىيەتچىلىرى ئۇستىلىق بىلەن ئەپكە كېرەكلىك بولغان يانفون بايلىقى (ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە بىر تەرەپ قىلغۇچنى كۆرسىتىدۇ) نى تۆۋەنلىتەلەيدۇ ' دېدى  Sundar Pichai  .
گۇگىلنىڭ Android KitKat نى ئېلان قىلىشىدا يەنە بىر ناھايىتى ئۇلۇغۋار پىلانى بار ، ئۇ بولسىمۇ Android سىستېمىسىنىڭ پارچىلىنىش خەۋىپىنى كىچىكلىتىش . يانفون سەپلىمىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە بۇرۇنقى Android سىستېمىسىنىڭ يانفون سەپلىمىسىگە بولغان تەلىپى تۈپەيلىدىن يېرىمدىن كۆپرەك Android ئۈسكۈنىسىگە ئەڭ يېڭى نەشىردىكى سىستېما قاچىلانمىغان .
گۇگىلنىڭ ئېيتىشىچە ، بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە Android يانفونى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يانفونغا سىستېما يېڭىلىش ئۇچۇرى بارىدىكەن ، كىشىلەر شۇ چاغدا ئەڭ يېڭى Android KitKat نى چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالسا بولىدىكەن .

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئونۋىرسال توربېكىتى    新疆阿娜迪亚尔维吾尔门户网站 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths
新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203