رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 1108 قېتىم كۈرۈلدى
ئالما Mac كومپيۇتېرنىڭ 30 يىللىق تەرەققىيات تارىخى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2014-01 -22
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : tech.163.com

1-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئالما شىركىتىنىڭ مەك كومپيۇتېرلىرىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىگە 30 يىل بولىدۇ، بۇ 30 يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا، مەك كومپيۇتېرى .اللىقاچان سىرتقى كۆرۈنۈشى كۆركەم ،نەپىس ھالەتكە، ئىلغار بولغان سەپلىمە ۋە ئىلغار بولغان گىرافىكلاشتۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىقلارغا ئىگە بولۇپ، دۇنيادىكى خۇسۇسى كومپيۇتېرلارنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلانغان. ئۇنداقتا بىز بىرلىكتە مەك كومپيۇتېرلىرىنىڭ تەدىرىجى تەرەققىيات جەريانىنى كۆرۈپ باقايلى.
 

Www.AnAdiyar.Cn

. لىسا كومپيۇتېر ئالما شىركىتى 1983-يىلى تۇنجى يۇرۇش مەك كومپيۇتېر مەھسۇلاتى Lisa لىسانى بازارغا سالغان، بۇ كومپيۇتېرنىڭ ئىسمى قوبىسنىڭ قىزى لىسانىڭ نامىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىش ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان،تەتقىق قىلىش راسخوتى 50 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەنلىكتىن، شۇڭا دەسلەپكى سېتىلىش باھاسى ئون مىڭ دوللاردىن بولغان (ھازىرقى 25 مىڭ دوللارغا تەڭ)،ئەڭ ئاخىرىدا سېتىش ئەھۋالى بەكلا ناچار بولغان. گەرچە تېخنىكا جەھەتتىن ئېيتقاندا لىسا بىر مەك كومپيۇتېر بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئالمىنىڭ ھەقىقى تۇنجى يۈرۈش مەك كومپيۇتېرىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

2. مەكىنتوش XL مەكىنتوش XL بولسا لىسانىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى بولۇپ، 1985-يىلى تارقىتىلغان، ئىسمى لىسادىن مەكىنتوش XL غا ئۆزگەرتىلگەن، باھاسى 3495 دوللارغا تۆۋەنلىگەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

3. مەكىنتوش 128K ئالمىنىڭ 1984- يىلى بازارغا سالغان 128K بولسا ھەقىقى مەنىدىكى مەك كومپيۇتېرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، باھاسى 2495 دوللار، بۇ يۈرۈش كومپيۇتېرغا 9 دىيۇملۇق ئېكران ۋە 128K ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن.
 

Www.AnAdiyar.Cn

. مەكىنتوش 512K ئالمىنىڭ مەكىنتوش 128K دىن كىيىن ئېلان قىلغاىنى 1984-يىلى بازارغا سالغان مەكىنتوش 512K بولۇپ، ئىچكى ساقلىغۇچى ئىلگىركىنىڭ تۆت ھەسىسىچىلىك يۇقىرى ئۆرلىگەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

5. مەكىنتوش Plus ئالما 1986-يىلى مەكىنتوش Plus نى ئېلان قىلغان، ئىچكى ساقلىغۇچى 1MB غا يەتكەن، باھاسى 2599 دوللار بولۇپ، ئوخشاشلا سىرتتىن چاتىدىغان قاراتتىق دىسكىنىڭ SCSI ئېغىزى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

 

Www.AnAdiyar.Cn

6. مەكىنتوش Portable 1989-يىلى مەكىنتوش Portable نى ئېلان قىلغان ، ئۇ تۇنجى يۈرۈش باتارىيە سەپلەنگەن ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدىغان مەك كومپيۇتېرى بولۇپ ، بۇ يۈرۈش كومپيۇتېرنىڭ مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچىسىنىڭ چاستوتىسى 16 MHz غا يەتكەن، بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ تىز سۈرەت، ئەمما مەكىنتوش Portable نىڭ ئېغىرلىقى 7.25 كىلوەىرامغا يەتكەنلكتىن، شۇ سەۋەب سېتىپ چىقىرىش ئەھۋالى ناچار بولغان.

 

Www.AnAdiyar.Cn

7. Powerbook ئالما 1991-يىلى Powerbook نى بازارغا سالغان بولۇپ، بۇ ئالمىنىڭ تارىختىكى تۇنجى يۈرۈش ھەقىقى مەنىدىكى ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدىغان كومپيۇتېرى، ئوخشاشلا ئالما كومپيۇتېرى ئىچىدە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن كومپيۇتېر، شۇ ۋاقىتتىن 2006- يىلغىچە ئورنىغا مەك بوك ئالماشقىچە ئىشلىتىلگەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

8.iMac iMac بولسا 1998- يىلى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ جوبىسنىڭ قايتىدىن ئالمىىنىڭ CEO سى بولغاندىن كىيىنكى بازارغا سالغان تۇنجى يۈرۈش ئىلغار دەرىجىلىك مەھسۇلاتى، iMac يېرىم سۈزۈك بولغان سىرتقاى قاپلىما ۋە ھەرخىل تاللىغىلى بولىدىغان رەڭلەر بىرلەشتۈرۈلۈپ خۇسۇسى كومپيۇتېر ساھەسىدىكى بىر يېڭى يولغا ئايلانغان، بۇندىن سىرت، iMac ئالدىن مۇھاپىزەت قىلغان ھالدا ئاۋال يۇمشاق دىسكىنى چىقىرىپ تاشلىۋېتىپ، USB ئىشلىتىشكە ئالماشقان.
 

Www.AnAdiyar.Cn

9.iMac G4 ئالما 2002-يىلى ئېلان قىلغان iMac G4 پۈتۈن كومپيۇتېر ساھەسىنى ھەيران قالدۇرغان، كەلگۈسى تۇيغۇغا تويۇنغان سىرتقى كۆۈنۈش لاھىيەسى بۈگۈنگىچە دەۋر تەرىپىدىن چېكىنىپ كەتمىدى، ئوخشاشلا ئېكرانغا ھەركەتلەندۈرگىلى بولىدىغان گەۋدە ئىشلەتكەن، شۇڭا يۆنىلىشنى ئەركىن تەڭشىگىلى بولىدۇ، بۇنىڭغا قارىتا كىشلەر ئالمىنىڭ ئىجاد قىلىش ، تەتقىق قىلىش ئىقتىدارىنى ماختىماي تۇرالمايدۇ.

 

Www.AnAdiyar.Cn

10. مەك بۇك ئالما 2006-يىلى يېڭى نۇسخىدىكى مەكبۇكنى بازارغا سېلىپ، iSight تېلكامىرا ئورناتقان، سۇيۇقلاندۇرۇلغان خىرستال ئېكران ۋە بىر گەۋدىلەشكەن كۇنۇپكا تاختىسى سەپلىگەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

11.MacBook Air ئالما 2008-يىلى ئېلان قىلغان MacBook Air بولسا مەك بۇك قاتارىدىكى ئۈلگە، ئۇ ئوپتىك قوزغاتقۇچنى چىقىرىۋەتكەن، شۇڭا ئالما Air نىڭ قېلىنلىقى كىشلەر ئويلىمىغان دەرىجىدە كونترول قىلىنغان، بۇ يۈرۈش مەھسۇلات «دۇنيادىكى ئەڭ نېپىز لەپتۇپ »دەپ ئاتالغان.

 

Www.AnAdiyar.Cn

12. iMac ھازىرقى نۇسخا iMac ئىلگىرىكى نەچچە ئەۋلادتتىن تېخىمۇ نېپىز بولۇپ، يېڭى ياساش تېخنولوگىيەسى ئىشلىتىلگەن، ھازىرقى iMac نىڭ ئەڭ نېپىز ئورنى پەقەت 5 مىللىمېتىركىلىدۇ ، بۇ نۆۋەتتىكى دۇنيادىكى ئەڭ نېپىز بولغان بىر گەۋدە كومپيۇتېر .
 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203