anadiyar.cn - anadiyar online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 50 قېتىم كۈرۈلدى
ئالىي مەكتەپ 1-يىللىقتىكى ئوقۇغۇچى بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالدى

سىنا تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرى، تۈنۈگۈن سائەت 18 دە چېڭدوڭ (成东) دىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپتە پاجىئەلىك بىر ۋەقە يۈز بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر ئالىي مەكتەپتىكى بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى ياتاق بىناسىدىن چۈشۈپ كېتىپ، نەق مەيداندا جان ئۈزگەن.
تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 6 دە مەزكۇر ئالىي مەكتەپنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش كەسپىدىكى شىياۋ ۋاڭ ياتىقىدا تورغا چىقىۋاتاتتى. ئۇ تۇيۇقسىز كارىدوردىن قاتتىق ۋارقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياتاقتىن چىقىپ، قاراپ بېقىۋىدى، سېمونت تاختا ئۈستىدە بىر مايكا كىيىۋالغان ئوغۇل بالىنىڭ ياتقانلىقىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياتاقتىن ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ چىقىپ «بىرەيلەن بىنادىن سەكرىۋالدى» دەپ ۋارقىرىدى.
بىنادىن چۈشۈپ كەتكەنلىك توغرىسىدىكى خەۋەر ناھايىتى تېزلا تارقاپ، نەق مەيدان ئوقۇتقۇچى-ئوقوغۇچىلارغا توشۇپ كەتكەنىدى. مەزكۇر كەسىپتىكى ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى «بۇ ئىش ئىمتىھان بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ-ئەمەسمۇ» دەپ ئويلىدى. تونۇشتۇرۇشىچە، بىنادىن چۈشۈپ كەتكەن ئوقۇغۇچى مەزكۇر ئالىي مەكتەپنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ بىرىنچى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچى بولۇپ، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەزكۇر كەسىپتىكى بالىلار تارىخ ئىمتىھانىغا قاتناشقانىكەن. ئەمما ئۇنىڭ ئىمتىھانغا قاتناشقان ياكى قاتناشمىغانلىقى توغرىسىدا ھېچكىم ئېنىق بىر نەرسە بىلمەيدىكەن.
بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىر تورداش نەق مەيدان رەسىمىنى «ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن بىنادىن سەكرىگەن ئاكا» دېگەن تېمىدا مەكتەپنىڭ توردىكى توپىغا چىقىرىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن تورداشلار «ئۆتۈپ كەتمەيدىغان نېمىسى بار؟ ئۇ ھېچ بولمىغاندا ئۆز ئاتا-ئانىسىنى ئويلىشى كېرەك ئىدى»دەپ ئۇنىڭ بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالغانلىقى توغرىسىدا ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
نۆۋەتتە، ساقچى تەرەپ مەزكۇر ۋەقەنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈۋاتىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۈرۈڭ!
مەنبەسى :
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-06 -12 يوللىغۇچى : مۇرادىل

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

QQ:527377610 ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 13899847776