نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 229 قېتىم كۈرۈلدى
گۇاڭجۇدا بىر توپ ئادەم جېدەل چىقىرىپ 3 ساقچى ماشىنىسىنى چېقىپ تاشلىدى

 

 

www.alhux.com

ياڭچېڭ (羊城) كەچلىك گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرى خەۋەر قىلىشىچە، 11-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، گۇاڭجۇ زېڭچېڭ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى ئاخباراتلارغا بىلدۈرۈشىچە، 6-ئاينىڭ 10-

كۈنى كەچتە، زېڭچېڭ رايونى شىنتاڭ بازىرى (新塘) دا بىر توپ كىشىلەر توپلىشىپ جېدەل چىقارغان، ساقچى تەرەپ ۋەقەنى دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلغان.
6-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 9 دا، زېڭچېڭ ساقچىلىرى شىنتاڭ بازىرىدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ ئالدا بىر ئايالنىڭ تاياق يېگەنلىكىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. ساقچى تەرەپ ساقچىلارنى دەرھال نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن. نەق مەيداندا ۋاڭ فامىلىلىك ئېغىر ئاياق ئايال (20 ياش) ۋە ئېرى تاڭ فامىلىلىك (28 ياش، ئىككىسىلا سىچۈەن ئۆلكىسىدىن) بىر تاللا بازارنىڭ ئالدىدىكى يولدا يايما ئېچىپ سودا قىلغانلىقتىن، يول توسۇلۇپ قالغان، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن قائىدىگە خىلاپ قىلمىشىغا قارىتا كېتىشىنى نەسىھەت قىلغان، ئىككى تەرەپ ئۇرۇشۇپ قالغان، ئېغىر ئاياق ئايال يىقىلىپ كەتكەن.
يەرلىك ساقچىلار بىلەن شىنتاڭ بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋاڭ خانىمنى دوختۇرخانىغا داۋالىتىشقا ئېلىپ بارماقچى بولغان، نەق مەيدانىدىكى قىسىمەن كىشىلەر ئىش تېرىپ، ئۇدا چوقان كۆتۈرگەن، ئېغىر ئاياق ئايالنى ماشىنىغا چىقىرىشقا توسقۇنلۇق قىلغان، قىسمەن كىشىلەر نەق مەيداندىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە قۇتقۇزۇش ماشىنىسى، ساقچى ماشىنىسىغا مېنرال سۇ بوتۇلكىسى ۋە خىش پارچىسى ئاتقان، 3 دانە ساقچى ماشىنىسى، بىر دانە قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنى ۋە كۆپلىگەن شەخسىي ماشىنلارنى چېقىپ تاشلىغان.
زېڭچېڭ ساقچىلىرى كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، نەق مەيداننى ۋاقتىدا كونترول قىلغان، جېدەل چىقىرىشقا باش بولغانلاردىن 25 ئادەمنى تەكشۈرۈشكە ئېلىپ كەتكەن. ۋاڭ فامىلىلىك ئايال ۋە ئېرى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ تەكشۈرۈلگەن، دوختۇرخانا ئىككىسىنى يارىدار بولماپتۇ دەپ دىئاگنوز قويغان.
 

تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۈرۈڭ!
مەنبەسى :
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-06 -15 يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

QQ:527377610 ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 13899847776