نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 727 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكا ئارمىيىسى ئېنتىرنېت تورى ئۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -16
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : ئوكيان

 

www.alhux.com

 

 

ۋېنخۇي گېزىتى تورىنىڭ 16-ئىيۇل خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكى 15-ئىيۇل ھەر قايسى تەرەپلەر كۈتكىلى ئۇزۇن بولغان تۇنجى ئېنتىرنېت ئىستراتىگىيىسىنى ئېلان قىلىپ، ئېنتىرنېت تورىنى 5-ئۇرۇش قىلىش ساھەسى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ، دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە ئالەم بوشلۇقى بىلەن بىر قاتاردا تىزىپ، ئامېرىكا ئارمىيىسى ھەمدە مۇھىم ئاساسىي ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىك قوغدىنىشىنى كۈچەيتكەن. يېڭى ئىستراتىگىيەنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىلگىرىكى پاسسىپ مۇداپىئەلىنىشتىن ئاكىتىپ مۇداپىئەلىنىشكە ئۆزگەرگەن ھەمدە ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى ئارىسىدىكى ئېنتىرنېت ساھەسى خەلقئارالىق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، كرېمنىي جىلغىسىدىكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئېنتىرنېت تورى قوغداش ئەترىتى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، خاككېرلارنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توسۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
«ئېنتىرنېت بوشلۇقى ئۇرۇش قىلىش ئىستراتىگىيىسى» ناملىق ھۆججەتتە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ پۈتكۈل دۇنيادا 15 مىڭ دانە ھېسابلاش تورى ۋە 7 مىليون دانە ھېسابلاش ئەسلىھەسى بارلىقىنى ئېنىق كۆرسەتكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تۈرلۈك ئالامەتلەردىن، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئېنتىرنېت تور بوشلۇقىنىڭ تەھدىت ۋە ھۇجۇم ئىقتىدارىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا كۆتۈرىدىكەن. ئامېرىكا ئاخباراتلىرى «ئامېرىكا ئارمىيىسى تور بوشلۇقىنى كېڭەيتىشى ئېھتىمال تور بوشلۇقىنى ھەربىيلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تور ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى قوزغاپ قويۇشى مۇمكىن» دېگەن.
ھۆججەتتە بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ تورى ھەر كۈنى نەچچە مىليون قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى، مۇۋاپىقىيەتلىك ھۇجۇم قىلىپ كىرگەنلىرى نەچچە مىڭ ھۆججەتنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، رەقىبلىرى بارغانسېرى مۇرەككەپ ھەمدە كەڭ دائىرىدە ئېرىشەلەيدىغان قوراللارنى داۋاملىق ئېچىۋاتقانلىقىنى، كىچىك گۇرۇپپىلارنىڭمۇ ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە «سىممېتىرىك بولمىغان تەسىر» پەيدا قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى كۆرسەتكەن.
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش