نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 4072 قېتىم كۈرۈلدى
فىلىمدىكى ئوبرازى ئۈچۈن 10 كىلوگرام ئورۇقلىغان «خىزمەت سەۋداسى»
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-11 -14
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : ent.huanqiu.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

يەر شارى تورى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى، 11-ئاينىڭ 13-كۈنى خەۋىرى، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى ئاننا ھازاۋاي يېقىندا يېڭى فىلىمى ‹پاجىئەلىك دۇنيا› ناملىق فىلىمدە رول ئېلىش ئۈچۈن كۈندە سۇلۇ يارمىسى يېيىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ 10 كىلوگرام ئورۇقلىغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ فىلىم 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ياپونىيىدە قويۇلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ فىلىم ھاگونىڭ داڭلىق ھېكايىسىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئاننا ھازاۋاي بۇ فىلىمدە قىزىنى بېقىش ئۈچۈن چاچلىرىنى سېتىپ جان باقىدىغان پاھىشە ئايالنىڭ رولىنى ئالغان. 12-ئايلىق ‹VOGUE› ژۇرنىلى زىيارىتى داۋامىدا ئۇ قارىماققا ‹ئۆلەي دەپ قالغاندەك ›ھالەتتە ئورۇقلاش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان. دەسلەپكى سۈرەتكە ئېلىش ۋاقتىدا ھازاۋاي 5كىلوگرام ئورۇقلىغان. كېيىن كۈندە سۇلۇ يارمىسىنى يەپ 7كىلوگرامدەك ئورۇقلىغان.

ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئورۇقلىغان بۇ كەسىپ سۆيەر چولپان:‹ئەمەلىيەتتىن ھالقىشنىڭ ھېچ يېرى خاتا ئەمەس. فىلىمدە رول ئالغانىكەنمەن فىلىمدىكى ئوبرازىمنى ھەقىقىي ئاننا ھازاۋاي دەپ بىلىشىم كېرەك. فىلىم ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن مەن ئەمەلىيەتكە قايتالماي فىلىمدىكى ئوبرازىم ئىچىدە ياشاپ كەلدىم. مەن ئەمەلىيەتكە قايتىش ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىتقا موھتاجمەن›دېگەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش