نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 3770 قېتىم كۈرۈلدى
2012-يىلىدىكى ئەڭ نام قازانغان كورىيە سەنئەتكارلار
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-11 -14
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.ellechina.com

يىلدا بىر ئېلىپ بېرىلىدىغان كورىيە ‹Style Icon Awards› نامىدىكى 2012-يىللىق تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك 10 نەپەر داڭلىق چولپاننى تاللاپ چىقىپ ‹10 داڭلىق Icon› مۇكاپاتىنى تارقاتتى. تاماشا ساھەسىدىكى مەيلى كىنو ئارتىسى بولسۇن ۋە ياكى ناخشا چولپىنى بولسۇن مۇشۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغانلا بولسا ئۇنىڭ كورىيىدىكى تەسىر كۈچىنى ئاجىز چاغلىغىلى بولمايدۇ.

بۇ قېتىملىق تىزىملىكتە ئاۋۋال 50 نەپەر چولپان تاللانغان بولۇپ، تور ئارقىلىق بېلەت تاشلاش، ئامما ئارىسىدىن بېلەت تاشلاش، تاراتقۇلار تەرىپىدىن بېلەت تاشلاش قاتارلىق بىر قانچە باسقۇچلۇق تاللاش ئارقىلىق خې جېڭ يۈ، شۇ جى، جاڭ دوڭجيەن قاتارلىق داڭلىق چولپانلار تىزىملىكنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.
 

 

 

Www.AnAdiyar.Cn

10.خې جېڭ يۈ
2008-يىلى خې جىڭيۈ بىلەن گۈزەل چولپان جىنتەيشىنىڭ يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقىلىپ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. بۇ ئانچە كېلىشكەن بولمىغان ئارتىس ‹جىنايەت بىلەن تولغان ئۇرۇش›، ‹قوغلاپ زەربە بەرگۈچى› قاتارلىق بىر قانچە فىلىمدە رول ئېلىپ ئاجايىپ نام قازىنىشقا باشلىغان. 2012-يىلى قويۇلغان ‹مۇھەببەت ھېكايىسى›، ‹577 پىلانى› قاتارلىق فىلىملەردىكى قالتىس ئوبرازى ئۇنى كىشىلەرگە تېخىمۇ تونۇتۇپ تەسىرى بارغانچە كۈچىيىشكە باشلىغان.

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
9. جاڭ دوڭجيەن
‹مۆتىۋەرنىڭ پەزىلىتى›ناملىق فىلىمنىڭ باش قەھرىمانى جاڭ دوڭجيەن ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان داڭلىق چولپان بولۇپ، ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيان رول ئالغان ‹خەيرلىك سەھەر زۇڭتۇڭ›، ‹خەتەرلىك مۇناسىۋەت› قاتارلىق فىلىملىرى دۇنيا مىقياسىدا قويۇلۇشقا باشلاپ يۇقىرى كۆرۈش نىسبىتى بىلەن قالتىس نام قازانغان شۇنداقلا قايتىدىن كورىيىدىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك چولپان ئورنىغا چىقىشقا باشلىغان.

 

Www.AnAdiyar.Cn

8.لى شيۇجىڭ
2012-يىلى قويۇلغان ‹ئايالىمنىڭ بارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار› ناملىق فىلىمدە باش رول ئالغان لىن شيۇ جىڭ قالتىس ماھارىتى ۋە گۈزەللىكى بىلەن كۆرۈرمەنلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە قابىلىيىتى ئۇنى كورىيىدىكى ئاڭ كۈچلۈك ئايال چولپان ئورنىغا ئېلىپ چىققان.

 

Www.AnAdiyar.Cn

7.ليۇ جۈن شياڭ
2012-يىللىق كورىيىدىكى ‹ئەڭ لاياقەتلىك ئەر ئوبرازى› تاللاپ چىقىلغان بولۇپ، ليۇ جۈنشياڭ ئاجايىپ تالانتى ۋە ئۆزگىچە خاراكتېرى بىلەن بۇ ئورۇنغا چىققان. ئۇنىڭ ‹چەت دۆلەتتە›، ‹ شىمالى كەنت يۆنىلىشى›، ‹شاشا› ناملىق فىلىملىرى كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

6.Sistar گۇرۇپپىسى
كورىيىدىكى رىقابەت ئەڭ كۈچلۈك بولغان قىزلار گۇرۇپپىسىدا Sistar گۇرۇپپىسى مۇستەھكەم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلار گۈزەل نازىنىنلىرى بىلەن چېمپىيونلۇق ئورنىدا تۇرۇپلا قالماي يەنە قالتىس تالانتى ۋە ئىقتىدارى بىلەن بۇ ئورۇننى قولدىن بەرمەي كېلىۋاتماقتا. ئۇلار 2012-يىلىدىكى ئەڭ ‹ئالدىراش› بولۇۋاتقان تەسىرى كۈچلۈك قىزلار گۇرۇپپىسى ھېسابلىنىدۇ.

 

Www.AnAdiyar.Cn

5.SJ گۇرۇپپىسى
Super Junior نىڭ نام قازانغىنى بىر كۈن ياكى بىر قانچە ئاي بولمىدى. چاڭ رېن، شىشى، لىتې قاتارلىق داڭلىق چولپانلاردىن تەركىب تاپقان بۇ كۈچلۈك گۇرۇپپىنىڭ ئۇنىۋېرسال پروگرامما، ئويۇن تۈرىدىكى پروگرامما، ناخشا كېچىلىكلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئاجايىپ تالانتىنى نامايان قىلىپ زور تەسىر كۈچىگە ئىگە بولغان. ئۇلارنىڭ ئېلان ئوبراز ۋەكىلى بولغان سۈرەتلىرىمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئالاھىدە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn

4.شيۇ جى
2012-يىلىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقان چولپاننىڭ بىرى شيۇ جى بولۇپ، خەن جيارېن باش رول ئالغان ‹بىناكارلىق ئىلمى›ناملىق فىلىم بۇ ياش ئارتىسنىڭ نام قازىنىپ چولپان بولۇشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالغان.

 

Www.AnAdiyar.Cn

3.سوڭ جوڭجى
كورىيە تاماشا ساھەسىدە كېلىشكەن ئەرلەر ئەزەلدىن كەم بولغان ئەمەس. سوڭ جوڭجىمۇ ئەنە شۇنداق كېلىشكەن ئەر چولپانلارنىڭ بىرى بولۇپ، 1985-يىلى تۇغۇلغان سوڭ جوڭجى ئەڭ دەسلەپتە ‹Triple› ناملىق فىلىم بىلەن كىشىلەرگە تونۇلۇشقا باشلىغان. كېيىن بىر قانچە فىلىمدىكى قالتىس ئوبرازى بىلەن بىلەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. 2012-يىلى ‹ئاقكۆڭۈل ئەر›ناملىق فىلىمدە باش قەھرىمان ئوبرازىنى يارىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، قالتىس رول ئېلىش ماھارىتىنى نامايان قىلغان. ئۇنىڭ پىشقان سالاپەتلىك ئەرلەر ئوبرازىنى يارىتىشتىكى تالانتى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ.

 

Www.AnAdiyar.Cn

2.شۈ رېنگو
‹ماقۇل بولغىن 1997› ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان چولپان شۈ رېنگو ھەقىقەتەنمۇ قالتىس رول ئېلىش ماھارىتىگە ئىگە داڭلىق چولپاندۇر.

 

Www.AnAdiyar.Cn

1.جېڭ ئېندى
ئوماق ۋە ساددا قىياپەتكە ئىگە گۈزەل چولپان جېڭ ئېندى رول ئالغان ‹ قۇياش ۋە ئاي› ناملىق فىلىم، 2012-يىلى كورىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن فىلىمنىڭ بىرى بولۇپ، جېڭ ئېندىنىڭ قالتىس رول ئېلىش ماھارىتى فىلىمنىڭ جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولغان.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش