نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> پەن -مائارىپ >> يازما كۈرۈش >> 928 قېتىم كۈرۈلدى
بىر دادىنىڭ ئامېرىكا-جۇڭگو مائارىپى ھەققىدىكى ئويلىرى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -16
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.tianya.cn

تىيەنيا تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى ماقالىسى، ئاپتورى: چۇ بېي لې، ئوغلۇم ئامېرىكىغا بېرىشتىن بۇرۇن، مېنىڭ ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارغا بولغان كۆز قارىشىم ئاساسەن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا بولغان كۆز-قارىشىمدىن پەرقلەنمەيتتى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆتەۋاتقان بىر دوستۇم ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ قايتقاندىن كېيىن، ماڭا مۇنداق دېدى:«ئامېرىكىلىق بالىلار تولىمۇ ئويۇنقېپى ئىكەن. ئەگەر بىزنىڭ بالىلىرىمىز بوشاشماي 10 يىل ئۆگىنىدىغان بولسا ئۇلاردىن گەپ يوق ئېشىپ كەتكۈدەكمىز!»بۇ گەپنى ئۇ ماڭا تەخمىنەن 5-6 يىل بۇرۇن ئېيتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما مېنىڭ بۇ دوستۇم مەزكۇر ئوتتۇرا مەكتەپنى خۇددى «فاشىست» لاردەك، خۇددى تۈرمىنى باشقۇرغاندەك باشقۇرۇپ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتىنى يىلسېرى يۇقىرى كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ھازىر بۇ مەكتەپ كۆزگە كۆرۈنۈپ، ئالدىنقى قاتاردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئەمما ئامېرىكىلىق ۋە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەپەككۇر جەھەتتىكى پەرق ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرىلاپ كەتتى.
مەن ئوغلۇم ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن، ئاندىن ئامېرىكا مائارىپىنى چۈشىنىشكە مۇۋەپپەقىيەت بولدۇم. چۈنكى ئوغلۇم تېلېفون ياكى ئې-خەتلەر ئارقىلىق ئامېرىكا مائارىپنىڭ ئۆزىگە بەرگەن تەسىرى ۋە ھېس قىلغانلىرىنى بىزگە ئەۋەتىپ تۇرغانىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، مېنىڭ ئامېرىكا مەكتەپلىرىدىكى مائارىپ شەكلىگە بولغان تونۇشۇم كۈنسېرى يۇقىرىلاپ باردى. مەن بۇلارنى تۆۋەندىكى 10 تۈرگەن يېغىپ قويدۇم. كەڭ مائارىپچىلارنىڭ بۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
1. ئامېرىكا ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە، زۆرۈر ئوقۇلىدىغان دەرسلەردىن باشقا دەرسلەرمۇ بار بولۇپ، بۇلار ئاساسەن بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن تەسىس قىلىنىدىكەن. ئوخشاش دەرسلەرنى، مەسىلەن ماتېماتىكا دېگەندەك دەرسلەرنى ئوقۇغۇچىلار باشلانغۇچ ماتېماتىكىدىن ئالىي ماتېماتىكىغىچە ئۆزىنىڭ سەۋىيىسىگە ماس كېلىدىغىنىنى ئوقۇسا بولىدىكەن.
2. ئامېرىكا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە تەسىس قىلىنغان دەرسلەرنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، ئۇلار تىل، جەمئىيەت، تەبىئەت ۋە سەنئەت قاتارلىق پەنلەرگە چېتىلىدىكەن. ھەربىر تۈر يەنە ئۆز ئىچىدىن نۇرغۇن كىچىك تۈرلەرگە ئايرىلىدىكەن. ھەر بىر كىچىك تۈر بىر دەرسلىك قىلىنىدىكەن. ئامېرىكا ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن دەرس تاللىسا بولىدىكەن. دەرسلەر ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن دەپ ئايرىلمايدىكەن. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار يېتەرلىك ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقى ۋە قىزىقىشىنى بايقىشىغا ئىمكانىيەت بېرىدىكەن.
3. ئۇلارنىڭ مۇقىم سىنىپى بولمايدىكەن، پەقەت بىر تۈرلۈك دەرسنى تاللىغان ئوقۇغۇچىلارلا بىرلىكتە دەرس ئاڭلايدىكەن. ئوخشىمىغان دەرسلەردە ئوخشىمىغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدىكەن. ئەگەر مەلۇم كەسىپتە 15 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بولسا، ئۇنداقتا ئۇ «چوڭ سىنىپ دەرسى» دەپ ئاتىلىدىكەن.
4. ئۇلار ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن كېيىن، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. ھەممە ساۋاقداشلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئارتۇقچىلىقى بويىچە تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. ئۇلار ئادەتتە پەقەت مەشىق قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ مۇسابىقە شەكلى ناھايىتى قاتتىق ھەم مۇرەككەپ ئىكەن.
5. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى ئەزەلدىن تەرتىپكە تىزمايدىكەن. ئۇلارنىڭ نەتىجىسى سوراش ئەدەپسىزلىك ھېسابلىنىدىكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى ئوقۇتقۇچىلار ئاممىۋى سورۇنلاردا قەتئىي ئېلان قىلمايدىكەن. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ۋە ئۇنىڭغا بولغان باھالارنى ئې-خەت ئارقىلىق ئائىلە باشلىقلىرىغا يەتكۈزىدىكەن. مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا يازغان باھاسىدىن شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ مەزكۇر ئوقۇغۇچىنى ناھايىتى چۈشىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.
6. نۇرغۇنلىغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ماتېماتىكا ۋە باشقا تەبىئىي پەنلەردىكى نەتىجىسىنى ئاق قالتىس دەپ چاغلاپ، ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنى بۇ جەھەتتە كالۋا دەپ قارايدۇ. ئەمما ئەمەلىيەت بۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ ھەممە تەرەپتە ئىقتىدارى بار. ئۇ ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىملىرىنىڭ كۆزىدە «يۈز يىلدا كۆرۈلىدىغان يېتۈك تالانت ئىگىسى» دىن ئىبارەت. ھەر ساۋاقداشنىڭ ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئارتۇقچىلىقى بار، ئۇ جايدا ھېچكىم ھېچكىمگە زىيادە ھەۋەس قىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇلار ئۆيلىرىدە بولسا ئاتا-ئانىلىرىنىڭ شاھزادە ۋە مەلىكىلىرىدۇر.
7. ئامېرىكا ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلار دەرس سۆزلەۋاتقاندا، ئوقۇغۇچىلار خۇددى قاتۇرۇپ قويغاندەك ئولتۇرمايدىكەن. بۇنداق ئەھۋاللار پەقەت جۇڭگودىلا كۆرۈلىدۇ. ئۇلار دەرس ۋاقتىدا ناھايىتى ئەركىن-ئازادە ئولتۇرىدىكەن. ئۇلار پىكىر بايان قىلماقچى بولسا، قول كۆتۈرۈشنىڭ، مۇئەللىمدىن ئىجازەت سوراشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىكەن. مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنى مەلۇم نەرسىگە مۇزاكىرىگە ئۇيۇشتۇرسا، مۇئەللىم پەقەت ئۇلارنىڭ كاللىسىنى غىدىقلاش رولىنى ئوينايدىكەن، بۇ خىل مۇنازىرىدە ئۆلچەملىك جاۋاب بولمايدىكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنى قەتئىي تەنقىد قىلمايدىكەن.
8. ئۇلاردا دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن، تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان، بىر-بىرىدىن كۆچۈرىدىغان ئىشلار يوق ئىكەن. بەزى دەرسلەردىن كېيىن، بىرەر پارچە ماقالە يېزىپ قويىدىكەن. بۇ ماقالىلەرنى مۇئەللىم ئې-خەت ئارقىلىق تاپشۇرۇۋالىدىكەن. مۇئەللىم ئۇلارنىڭ ماقالىسىنى تەپسىلىي ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك جايلىرىنى ئۆزگەرتىپ قويىدىكەن.
9. ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىكەن. ھەر بىر ساۋاقداشنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە، مەكتەپ ئۇلار ئۈچۈن تۇغۇلغان كۈنى شارچىسى بىلەن تۇغۇلغان كۈنى بولغان ساۋاقداشنى تەبرىكلەيدىكەن. ساۋاقداشلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بۇنى كۆرگەندىن كېيىنلا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەزكۇر ساۋاقداشنى قىزغىن تەبرىكلەيدىكەن.
10. مەكتەپلەردە ھەر ئايدا بىر قېتىم سەنئەت بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ساۋاقداشلار ئۆزى تەشكىللىنىپ، تەييارلىق قىلىدىكەن، ئۇ كۈنى ئوقۇتقۇچىلار، ئائىلە باشلىقلىرى ۋە باشقا ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى بۇلارنى كۆرىدىكەن. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە قىزىقىشىغا ئاساسەن نومۇر ئورۇنلايدىكەن.
مەن بۇلارنى ھازىرچە مۇشۇ يەرگىچە يازاي، مائارىپ تۈزۈلمىسى ۋە تەربىيىلەش ئۇسۇل جەھەتتە ئىككى ئەلدىكى پەرقنى ئاسمان-زېمىن دېيىشكە بولىدۇ. بىزنىڭ باللىرىمىز 18 ياشتىن ئېشىپ، تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، قولىغا خىزمەت ئېلىپ بولغۇچە بىزگە تايىنىپ ياشايدۇ، ئەمما چەتئەلدە ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار بالىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە غايىسىگە ھۆرمەت قىلىدۇ. بىز بالىلىرىمىز بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولسا، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈشتە يوق، ئەكسىچە ئۇلارنى توسۇپ قويىمىز. بىز بالىلىرىمىزنى ئائىلىنىڭ، جەمەتنىڭ ئۈمىدى دەيمىز، ئەمما ئۇلار ھەرگىز بۇنداق قارىمايدۇ. ئۇلار بالىلارنى ئائىلىدىن ئىبارەت كىچىك كاتېگورىيىدىن ھالقىتىپ، دۆلەتنىڭ، ۋەتەننىڭ ئۈمىدى دەپ قارايدۇ. ئۇلار بىزگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ كۈنىنى ئالالايدىغان بالا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى ئۆزگەرتەلەيدىغان بالىلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش