نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 98 قېتىم كۈرۈلدى
پۈتۈن مەملىكەتتىكى 700 جۈپ قوشكېزەك بېيجىڭدا يىغىلىش ئۆتكۈزدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -03
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn جۇڭگو ئاخبارات تورى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى تېلېگراممىسى. بېيجىڭ شەھىرى چاۋ ياڭ رايونى باغ-ئورمانلارنى كۆكەرتىش ئىدارىسى تەشكىللىگەن ‹‹ بېيچىڭ-يۈجىنزۈن›› 9-نۆۋەتلىك بېيجىڭ قوشكېزەكلەر مەدەنىيەت بايرىمى قىزىل گالستۇك باغچىسىدا باشلاندى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى 700 جۈپ قوشكېزەك بۇ بايرامغا قاتناشتى.
بېيجىڭ قوشكېزەكلەر مەدەنىيەت بايرىمى دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى جامائەت پاراۋانلىق پائالىيىتى بولۇپ، ھەر قېتىملىق پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى ئۆزگىچە تېمىنى باش تېما قىلىدۇ. تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىملىق قوشكېزەكلەر مەدەنىيەت بايرىمى ‹‹ ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرەيلى!›› دېگەن مەزمۇنى باش تېما قىلغان بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئارىسىدا ئۆز ئارا ياردەم قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى نامايان قىلىشنى مەقسەت قىلغان.
بۇ قېتىملىق مەدەنىيەت پائالىيىتىگە قاتناشقا قوشكېزەكنىڭ ئەڭ چوڭى 92 ياش، ئەڭ كېچىكى8 ئايلىق بولغان. بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قوشكېزەكتىن باشقا يەنە كۆپ كېزەكلەرمۇ قاتناشقان.
خېبىيدىن كەلگەن تۆت كېزەك ئاچا-سىڭىللار بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشقان بىردىنبىر تۆت كېزەك بولۇپ مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ سەنئەت ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش بۆلىكىدە كورىيەچە ئۇسۇل بىلەن ئىرخۇدا چېلىنغان مۇزىكا قاتارلىق ئىككى نومۇرنى ئورۇنلايدۇ. ‹‹ تۆت قىزىم بۇ بايرامغا قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى باشقا قوش كېزەكلەرگە نامايان قىلىپ تېخىمۇ كۆپ قوشكېزەكلەر بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ›› دېدى تۆت كېزەك قىزنىڭ دادىسى.
بۇ بايرامدا سەنئەت تالانتىنى نامايان قىلىش تۈرىدىن باشقا يەنە پاراۋانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق تۈرلەرمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 10-ئاينىڭ 4-كۈندىن 10-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە ئۆتكەن نۆۋەتلىك قوشكېزەكلەر مەدەنىيەت پائالىيىتىدە تارتىلغان سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش