نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 2469 قېتىم كۈرۈلدى
پوسكام ناھىيەسىدە چوڭلۇقى تۇخۇمچىلىك كىلىدىغان 10 دانە چىلان 260 مىڭ يۈەنگە سېتىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -23
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : gb.cri.cn

جۇڭگۇ-پوسكام بەشىنجى نۆۋەتلىك چىلان بايرىمىدا مۇكاپاتقا ئىرىشكەن 10 دانە چىلاننىڭ ھەممىسىنىڭ چوڭلۇقى تۇخۇمنىڭ چوڭلۇقىدىن چوڭ بۇلۇپ ئاخىرىدا 260 مىڭ يۈەنگە سېتىلدى.


17-چىسلا جۇڭگۇدىكى ئورگانىك چىلاننىڭ تېرىلىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان شىنجاڭ پوسكام ناھىيەسى يەرلىكتە باھالاش ئارقىلىق 2012-يىللىق ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مىداللىرىغا ئىرىشكەن " چىلان پادىشاھ"لىرىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، ھەم نەق مەيداندا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلدى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئىرىشكەن چىلان شاھى 260 مىڭ يۈەنلىك يۇقىرى باھادا سېتىلدى.

مۇخبىر كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش نەق مەيدانىدا 10 دانىدىن ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مىداللارغا ئىرىشكەن "چىلان شاھ" لىرىنىڭ خېرىدار چاقىرىلىدىغان بۇيۇم قىلىپ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغان، ھەر بىر دانە چىلاننىڭ ھەممىسىلا تۇخۇمدىن چوڭ بۇلۇپ ئەڭ چوڭىنىڭ ئېغىرلىقى 90 گىرام كىلىدىكەن، 15 دانە چىلاننىڭ ئېغىرلىقىلا 1 كىلوگىرامغا تۇشىدىكەن. نەتىجىدە مىس مىدالغا ئىرىشكەن چىلان شاھى 180 مىڭ يۈەنگە سېتىلدى، كۈمۈش مىدالغا ئىرىشكەن چىلان شاھى 50 مىڭ يۈەنگە سېتىلدى، ئالتۇن مۇكاپاتقا ئىرشكەن چىلان شاھى ئەڭ ئاخىرىدا 260 مىڭ يۈەنلىك يۇقىرى باھادا پوسكام ناھىيەسى ئالتۇن توغراق يىزا-ئىگلىك قۇشۇمچە مەھسۇلاتلىرى شىركىتىگە سېتىپ بىرىلدى.

ئىگەنلەشلەرگە قارىغاندا، پوسكام ئالتۇن توغراق يىزا-ئىگلىك قۇشۇمچە مەھسۇلاتلىرى شىركىتى چىلان پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان كارخانا بۇلۇپ بۇ شىركەتنىڭ ھەريىلى شاڭخەي، شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە ساتىدىغان چىلان مىقدارى 3000 توننىغا يىتىدىكەن، پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كىيىنكى چىلاننىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 200 يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن. بۇ شىركەت ساتقان چىلاننىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان ماركىسى "زۇننار" ئىكەن، شىركەتنىڭ باش دىرىكتورى ئىمام " 260 مىڭ يۈەن چىقىرىپ بۇ چىلاننى سېتىۋېلىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىمىز پوسكامنىڭ چىلانلىرىنى تۇنۇشتۇرۇش، زۇننار ماركىسىنى كىڭەيتىش، بىز بۇ 10 دانە چىلاننى ياخشى ساقلايمىز." دېدى.

ئىگەنلىنىشىچە، پوسكامنىڭ چىلان تېرىلىش كۆلىمى چۇڭىيىپ 200 مىڭ موغا يەتكەن بۇلۇپ ئۇنىڭ ئىچىدە ئورگانىك چىلاننىڭ تېرىلىش كۆلىمى 10 مىڭ مو ئىكەن. دىھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان چىلانلىق بېغى 2 مو بۇلۇپ باغ-ئورمانچىلىق كىرىمى دىھقان ئائىلىلىرى كىرىمىنىڭ %50 دىن كۆپرەكىنى ئىگەنلەيدىكەن.

شىنجاڭ پوسكام ناھىيەسى شىنجاڭنىڭ غەربى جەنۇب قىسمى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شمالىي ئېتىكى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى جەنۇب گىرۋىكى، زەرەپشان دەرياسى بىلەن تىزناپ دەرياسىنىڭ تۇتۇشۇش نوقتىسىنىڭ يۇقىرى ئوتتۇرا ئېقىمىغا جايلاشقان بۇلۇپ قەدىمىي يىپەك يۇلىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ. ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى "ئالتۇن لەيلەيدىغان دەريا" ، پوسكام ناھىيەسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ مەركىزى ھۆكىمىتى جايلاشقان ئۈرۈمچى شەھرى بىلەن بولغان تاشيول ئارلىقى 1692 كىلومىتىر.

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش