نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 532 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى ھايات-ماماتلىق باسقۇچقا بېرىپ قالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -04
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئامېرىكىدىكى تۇنجى قېتىملىق زۇڭتۇڭلۇقىنى تالىشىش بايانات يىغىنى 3-چېسلا كالورادو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ بېرىلىپتۇ، بۇ قېتىمقى دۇنيانى زىلزىلىگە سالىدىغان «تىل ئۇرۇشى» غا نىسبەتەن، ئوباما بىلەن رۇمنىي ئىككىلىسى بىر-بىرىگە ئۇتتۇرۇشنى خالىمايدىكەن، شۇڭا ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ سۆزى بۇيىچە ئالغاندا، بۇ قېتىم ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ھايات-ماماتلىق باسقۇچقا بېرىپتۇ قاپتۇ. بۇ قېتىمقى بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى 50 مىليوندىن ئارتۇق ئامېرىكىلىقنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپتۇ. ئامېرىكا رادىئو-تېلېۋىزىيە شىركىتى بىلەن ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ 1-چېسلا كۆرسىتىشىچە، %51 ئادەم بۇ قېتىمقى مۇنازىرىگە بەكمۇ قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ، ئۇنىڭدىن باشقا %32 ئادەم ئادەتتىكىدەك قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. ئىككى زۇڭتۇڭ نامزاتىنىڭ دەسلەپكى مەيدان نۇتۇقتا نېمە دەيدىغانلىقى بولسا كىشىلەرگە بېرىدىغان بىرىنچى تەسىر ئىكەن، ئەمما ئەڭ مۇھىمى كېيىنكى تەسىر ھېسابلىنىدىكەن. نۇرغۇن ئاممىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ يىلقى زۇڭتۇڭ تاللاشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قارارى تېخى تۇلۇق ئېلان قىلىنماپتۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بېلەت تاشلاش ئەھۋالى ئىككى نامزاتنىڭ كىشىلەرگە بەرگەن تەسىرى ۋە ئاخىرقى ھەرىكىتى ئارقىلىق بەلگىلىنىدىكەن.
ئىلگىرىكى 2000-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ گېلغا ياردەملەشكەن كېلىس : «بىرىنچى قېتىملىق بايانات خۇددى نەچچە مىڭ ئاممىنىڭ ناخشا ئېيتىشىغا ئوخشايدۇ» دېگەن. كىم تاماشىبىن ئالدىدا ياخشى نومۇر ئورۇندىيالىسا، ئۇ ھالدا شۇ تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ ئۇتۇپ چىقىدىكەن، شۇڭا زۇڭتۇڭلۇقىنى تالىشىش ئىككى نامزاتنىڭ خەلق ئالدىدا نومۇر ئورۇندىشىغا ئوخشايدىكەن؛ ئەكسىچە كىمنىڭ ئىپادىسى ناچار بولسا، ئۇ ھالدا شۇ رىقابەتتە كەينىدە قالىدىكەن.
كۆز ئالدىدىكى رېئاللىقتا ئىككى زۇڭتۇڭ نامزاتى خۇددى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاش چىراغ يېقىپ كىتاب كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن ناتىقلىقىنى ئاشۇرسا، يەنە بىر تەرەپ «ھايات-ماماتلىق» كۈرەشكە تەييارلىنىپتۇ. رۇمنىيغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭدىكى بېسىم ئوبامادىن ئازراق يۇقىرى ئىكەن. يېقىنقى خەلق رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر زۇڭتۇڭلۇقنى تالىشىش مۇشۇ پېتى تەرەققىي قىلسا، ئۇ ھالدا رۇمنىينىڭ يېڭىلىشى تۇرغانلا گەپ ئىكەن. يەنى ئاساسلىق شتاتلاردىكى پۇقرالارنىڭ ئوبامانى قوللاش نىسبىتى رۇمنىيغا قارىغاندا يۇقىرى بولۇپتۇ. نۆۋەتتىكى كەسكىن بولغان ئەھۋالغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكى مۇتەخەسسىس، 2008-رۇمنىينىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن شمىسنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى رىقابەتنىڭ مۇھىملىقى ئاللىقاچان «ھايات-ماماتلىق» كۈرەشكە ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ، مەيلى سىياسى جەھەتتىن بولسۇن ياكى باشقا جەھەتتىن بولسۇن، ئۇنىڭ تەسىر كۈچى ناھايىتى يۇقىرى بولىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جەھەتتە رۇمنىينىڭ ئىپادىسى بىر قەدەر ياخشى بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېڭىپ چىقىش ئېھتىماللىقى زور ئىكەن. ئەمما بۇ قېتىم رۇمنىي يۈزلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولسا، ئۇ چوقۇم ئۆزنىڭ ئوبرازىنى تۈزىتىش كېرەك بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇ نامراتلا بىلەن ئوتتۇرا بۇرژازىيىنى ئۆزىگە قارىتالايدىكەن، ھەمدە بۇ تالاش-تارتىشتا ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئاچقۇچ ھېسابلىنىدىكەن.
ئەمما ئوباما ئۈچۈن ئېيتقاندا، زور دەرىجىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى ئۇنىڭ زۇڭتۇڭ بولۇشىغا زور دەرىجىدە توسالغۇ بولىدىكەن ھەمدە ئۇ قايتا سايلىنىش مۇمكىنچىلىكىنى يوق دېيەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قۇيىدىكەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش