نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 503 قېتىم كۈرۈلدى
مۇھەممەدئېلى رېھىم ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-11 -07
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.xjtsnews.com

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ خەۋىرى ، فوتوسى : ئاپتونوم رايونلۇق ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، قەشقەر شەھەرلىك 22–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى مۇھەممەدئېلى رېھىمنىڭ پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 3–نويابىر قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتى كۆرگەزمە زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى .

قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيىتى ، قەشقەر شەھەرلىك ئەدىبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ، قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ، قەشقەر شەھەرلىك مەدىنىيەت–تەنتەربىيە، رادىيو–تېلىۋىزىيە ئىدارىسى ، قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتى ئۇيۇشتۇرغان بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قەشقەر شەھىرىنىڭ ۋە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى، قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى بىر قىسىم يازغۇچىلار ، خەتتاتلار ، رەسساملار ، شەھەر تەۋەسىدىكى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ، شۇنداقلا مۇھەممەدئېلى رېھىمنىڭ ئۇرۇق–تۇغقانلىرى ، خىزمەتداشلىرى بولۇپ 400 گە يېقىن كىشى قاتناشتى .

بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە مۇھەممتئېلى رېھىمنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىجاد قىلغان 72 پارچە ماي بوياق ئەسىرى قويۇلغان بولۇپ ، كۆرگەزمە ئەھلىنىڭ ۋە كەسىپداشلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى .
 

 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش