نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 357 قېتىم كۈرۈلدى
ئۆز پۇشتىغا چېقىلغان «ئادىمى ھايۋان» دەككىسىنى يېدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -02
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

تەيۋەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرى: شىنجۇ ناھىيىسىدىكى ليۇ فامىلىلىك ئەر 10يىلنىڭ ئالدىدا كىچىك بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە كىرگەن بولۇپ ،بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرى جازا مۇددىتى توشۇپ قايتىپ چىققان ئىدى.بىراق شۇ كۈنى ئاخشىمى تۈرمىدىن چىققانلىقىنى تەبرىكلەپ ھاراق ئىچىپ ئۆزىنىڭ 19ياشقا كىرگەن قىزىغا قارا قولىنى سۇنغان.شۇنىڭ بىلەن دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ نەق مەيدانغا بارغان ساقچىلار تەرىپىدىن يەنە قايتا قولغا ئېلىنغان.بۇ ليۇ فامىلىلىك 10يىل تۈرمىدە ياتقان بولسىمۇ،ئۆزىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى يەنە ئاشكارىلاپ ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسىغا چېقىلغان.
ئىگىلىنىشىچە،شۇ كۈنى بۇ ليۇ فامىلىلىك ئۆزى يالغۇز ھاراق ئىچىپ تازا مەست بولغاندىن كېيىن،ئايالى بىلەن قىزىنىڭ سافادا ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ھەم كونا خۇيى يەنە قوزغىلىپ ئەمدىلا 19ياشقا كىرگەن قىزىغا ئېسىلغان. بۇ ليۇ فامىلىلىك قىزىنىڭ كىيىملىرىنى مەجبۇرى سالدۇرۇپ ،كارىۋاتقا سۆرەپ ئاپارغان .قىزى بولسا يىغلاپ تۇرۇپ دادىسىنىڭ ئۇنداق قىلماسلىقىنى ئۆتۈنگەن.بىراق بۇ كاللىسى قىزىپ قالغان ياۋۇز دادا قىزىنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا قارىماي قىزىغا چېقىلماقچى بولغان.ئۇلارنىڭ ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتكەن ليۇ فامىلىلىكنىڭ كىچىك ئوغلى دادىسىنىڭ ئاچىسىغا چېقىلماقچى بولغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن دادىسىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ ئۇنداق قىلماسلىقنى ئۆتۈنگەن.بىراق بۇ ئادەم قېلىپىدىن چىققان ئەر ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا قارىماي يەنىلا قىزىغا چېقىلغان.بۇ ۋاقىتتا بۇ ئۆيدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن ئويغىنىپ كەتكەن قوشنىلىرى ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلغان.دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ساقچىلار نەق مەيدانغا كېلىپ بۇ ليۇ فامىلىلىكنى قولغا ئالغان.
ساقچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە.بۇ يىل 50ياشقا كىرگەن بۇ ئەر 20نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئەقلى ئاجىز بىر ئايال بىلەن توي قىلغان بولۇپ تويدىن كېيىن ئىككى قىز بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان،بىر ئوبدان ئىناق ئائىلىسى بار تۇرۇپمۇ ئۆزىنىڭ سەككىز ياشلىق قىزىغا چېقىلىش ئارقىلىق ئائىلىسىدىكى خۇشاللىقنى ئۆزى يوق قىلغان.شۇنىڭ بىلەن كىچىك بالىلارغا چېقىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 10يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا تۈرمىدىكى جاپالىق تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ چىققان بۇ ليۇ فامىلىلىك تۈزۈلۈشتە يوق شۇ كۈنى كەچتە ئۆزىنىڭ 19ياشقا كىرگەن چوڭ قىزىغا چېقىلغان.
نۆۋەتتە بۇ دېلو ساقچىلار تەرىپىدىن يەنە داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش